ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 7-ئاۋغۇست كەچتە ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ئىراقتىكى رادىكال تەشكىلاتلارغا نۇقتىلىق ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاش ھوقۇقى بەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ئارمىيەسى 3 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ «ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نىشانلىرىنى 7 قېتىم بومباردىمان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى ھاۋا ھۇجۇمىنى ئاساسىي جەھەتتىن قوللىدى، لېكىن ھەربىي ئىشلار بويىچە ئارىلىشىشقا ئوخشىمىغان پوزىتسىيە تۇتتى، نۇرغۇن كىشىلەر ھەربىي ھەرىكەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلدى.
ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراققا قوللانغان ھەربىي ھەرىكىتى چەكلەپ بولىدۇ، بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىراقنىڭ ئېربىل شەھىرىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قوغداش شۇنداقلا ئىراقتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇنىڭغا قارىتا بىر قىسىم كىشىلەر ئوباما بۇ قېتىم سەل يۇمشاق قوللىق قىلىپ قويدى، ئۇنىڭ سىجىل بولمىغان ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىدى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن، ئامېرىكىنىڭ ئىراق پاتقىقىغا قايتا پېتىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلدى.
ئىراق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئوباما ئىزچىل مەغرۇرلىنىدىغان نەتىجە، ئۇنىڭ تۈرتكە بولىشىدا، ئامېرىكا ئۇرۇش قىلىش قىسمى 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىراقتىن تولۇق چېكىندى. دېموكراتلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى باربارا مەن نۇقتىلىق ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئىراققا قايتىشنىڭ باشلىنىشى بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، پۈتۈن ئامېرىكىمۇ مۇشۇنداق ئويلايدۇ، دېدى. دېموكراتلار پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى رىچارد مەن ئىراق ۋەزىيىتى توغرىسىدا چەكسىز ۋەدە بېرىشقا قارشى تۇرىمەن، ھازىرقى ھەرىكەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراق پاتقىقىغا پېتىپ قىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن دېدى.
ئامېرىكا ئاممىسى ھەربىي ئىشلار بويىچە ئارىلىشىشقا ئوخشىمىغان پوزىتسىيەدە بولدى. ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى ۋە ئامېرىكا رادىيو شىركىتىنىڭ 6-ئايدىكى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %45 كە يېقىن ئامېرىكىلىق ئىراقتىكى ئەسەبىي تەشكىلاتقا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاشنى قوللايدىكەن، %30 كىشى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللايدىكەن، باشقا ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن ئامېرىكا ئاممىسى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى توقۇنۇشنى توسىدىغان مەسئۇلىيىتى يوق دەپ ھېسابلايدىكەن.
بۇ ئەلرايى تونۇشىغا ھەمنەپەس بولۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ئالدىنقى ھەپتە بىر قارار ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭدىن ئىراققا ئۇرۇش قىسمى ئەۋەتىشتىن بۇرۇن، چوقۇم پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
بىر قىسىم كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتتە بەك ئاكتىپ بولغانلىقىدىن ئەنسىرىگەن چاغدا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئوبامانىڭ ۋاسىتىسىنىڭ بەك مۆتىدىل بولغانلىقىدىن نارازى بولدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنى ئىشغال قىلغان تەقدىردىمۇ، بولدى قىلماستىن داۋاملىق يۈرۈش قىلىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. ئوباما بالدۇرلا بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتقا ھەربىي زەربە بېرىشى ھەم ئىراق ھۆكۈمىتىگە پائال ياردەم بېرىشى كېرەك ئىدى دەپ قارىدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى قۇرغۇي گۇرۇھىنىڭ ئىككى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مىكائىن بىلەن لىندساي گىراھام بۇنى ئەڭ قاتتىق تەنقىدلىدى. بۇ ئىككىيلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئوباما ئارىلاشماسلىق سىياسىتىنى قوللانغانلىقتىن، ئوتتۇرا شەرق رايونى دۇچ كەلگەن تەھدىت ئېغىرلاپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىغا بىۋاسىتە تەھدىت سالدى، ھازىر ئامېرىكىنىڭ بالايى-ئاپەت خاراكتېرلىك ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى قايتىدىن باھالاشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ جىم تۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر بەدەل تۆلىدۇق، ئەگەر بىز باشقىچە يول تۇتمىساق، جىم تۇرۇۋېلىشنىڭ بەدىلى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ دېدى.
ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىراققا قىلغان ھەربىي ھەرىكەتكە بولغان قارىشى بىردەك بولمىدى. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا، ئوبامانىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشى-ئىرقىي يوقىتىش ۋە ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ تەرەپ-تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ بېسىۋېلىشىنى توسۇشتىكى توغرا تەدبىر، لېكىن ئوباما قوللانغان تەدبىر مۇرەسسەچىلىك ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا تەۋە، ئۇنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى داۋاملاشما ئىستراتېگىيەسى يېتەرسىز دەپ قارالدى.
سىياسىي ئوبزورچى فەرىد زىكرىيا ئىراقنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقتىن، ئوباما ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە يۈرەكلىك ئارىلىشىپ، ھاۋا ئارمىيەسىنى ئىشقا سېلىپ، ئىراق ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىشى ھەم زۆرۈر تېپىلغاندا، قورال ياردەم قىلىشى كېرەك دەپ ھېسابلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved