ئامېرىكىلىق ئوۋچى غەلىتە تاغ شىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

   بىر نەپەر ئامېرىكىلىق ئوۋچى قانۇنلۇق ھالدا بىر تاغ شىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن بۇ شىرنىڭ باش قىسمىدا چىش ۋە بۇرۇت ئۆسۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان.

     بۇ تاغ شىرى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ قوغداش رايونىدىكى خادىملار ئاشكارىلىغان ئۆلتۈرۈلگەن تاغ شىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەن ياۋايى ھايۋاناتلار تەتقىقاتچىسى ھەيران قالغان.

8-يانىۋار ئېلان قىلىنغان خەۋەردا خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھازىرچە ئۆلتۈرۈلگەن شىرنىڭ باش قىسمىدىكى بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىزلىقىنى ئېيتقان.

     دېيىلىشىچە، ئۆلتۈرۈلگەن ئەركەك تاغ شىرىنىڭ باش قىسمىغا ئۆسۈپ قالغان چىش بەلكىم ھامىلە ۋاقتىدا ئۆلگەن يەنە بىر شىر ھامىلىسىنىڭ قالدۇق قىسمىغا تۇتىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ خىل تۇتىشىلغان ئۆسمىنىڭ تەركىبىدىكى توقۇلمىلاردا چىش، بۇرۇت، تۈك، ھەتتا پۇت-قوللارنىڭ ئۆسۈپ چىقىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار ئىكەن. بىراق بۇ خىل ئەھۋال ئادەم ۋە ھايۋاناتلاردا تولىمۇ كەم ئۇچرايدىكەن.

     تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ باياناتتا دېيىشىچە مەزكۇر رايوندىكى بىئولوگىيەشۇناسلار ئەزەلدىن بۇ خىلدىكى غەيرىي ئاھۋالنى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىكەن.

     ئۆلتۈرۈلگەن بۇ تاغ شىرى ئۇندىن بۇرۇن ئوۋچى ۋېستوننىڭ چېگرادىكى تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەرمەك ئىتىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشقا تاسلا قالغان ئىكەن، خىزمەتچى خادىملارنىڭ دېيىشىچە ئوۋچىنىڭ ئىتى ھايات قالغان. ئارقىدىن ئوۋچى ئاپشاركىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۈچ سائەتچە شىرغا ئەگەشكەندىن كېيىن ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئاخباراتتا دېيىلىشىچە، تاغ شىرىنى ئوۋلاش قانۇنلۇق قىلمىش بولۇپ، پەقەت ئوۋ ئوۋلاش كىنىشكىسى بولسىلا بەلگىلەنگەن پەسىلدە ئوۋچىلار ئوۋ ئوۋلىسا بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
11-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
08-05-2016
     شاڭخەي دۇڭپىڭ دۆلەت ئورمان باغچىسى جۇڭگونىڭ 3-چوڭ ئارىلى بولغان چۇڭمىڭ ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، بۇ باغچىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5400 مو كېلىدىغان بولۇپ، تەبىئىي «ئوكسىگېنخانا» دېگەن نامى بار، ب...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 5-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگلىيەدىكى تۇنجى تاغ پويىزى تېما قىلىنغان رېستۇران 13-ماي ئوردۇنتا شادلىق باغچىسىدا تىجارەت باشلايدۇ، شۇ ۋاقىتتا بۇ رېستۇراندىكى بارلىق تاماقل...
07-05-2016
    ئامېرىكا  Quora تور پونكىتى تورداشلاردىن «مېھمانخانا تەرەپ قايسى ئىشلارنى خېرىدارلارغا دەپ بەرمەيدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان. تورداشلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:     1. ئاساسەن ھەر بىر مېھما...
07-05-2016
    شاڭخەيدە تويى بولغان يىگىت جەي جياڭ بىلەن كېلىنچەك كاڭ شىتىڭ ۋەيما يولىدا بىر مەيدان ئۆزگىچە «ئەرمەك ھايۋان تېما قىلىنغان توي مۇراسىمى» ئۆتكۈزدى، تويغا تەبرىكلەپ كەلگەن دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئەرمەك ئىتلىرىنى چىرا...
07-05-2016
    بىر نۇسخا يېڭى دوكىلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ كىنو رېژىسسورلىرى ئىچىدە، ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئاران %13.6 ئىكەن. 2005-يىلىدىكى %11.3 دىن 2014-يىلىدىكى %11.9 كىچە، ئون يىلدىن بۇيان ئاياللار رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو ...
06-05-2016
    مارۋېلنىڭ سۇپېر قەھرىمان فىلىمى «ئامېرىكا كاپىتانى 3» 5-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قويۇلۇپ، كېچىلىك مەيدان 17 مىليون يۈەن (دەسلەپكى سىتاتىستىكا) بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ، ئىچكى ئۆلكە بازىرى كىنوچىلىق تارىخىدا تۆ...
06-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ماي، شىنجاڭ قومۇلدىكى دەۋر مەيدانىدا، يېڭى بىر جۈپلەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. شۇ كۈنى «4-ماي» ياشلار بايرىمى كۈنى، شىنجاڭنىڭ قومۇل شە...
06-05-2016
4-ماي، خاڭدى يېزىسىنىڭ ئېرىقبويى كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-با...
06-05-2016
ئادىل غوجالىم     ‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.   &...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، شاڭخەي دىسنېي باغچىسى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش ھارپىسىدا، خەلق ئاممىسى خۇشال ھالدا دىسنېي كىچىك بازىرى، شىڭيۈەن كۆلى ۋە باغچىنى ساياھەت قىلغان بولۇپ، نەق مەيدان ناھايىتى تەرتىپلىك بولغان. ...
Powered by Leglek