چەتئەلدىكى بايلارنىڭ ئۆزگىچە پۇل خەجلەش ئۇسۇللىرى

      كۆرگەنلىكى نەرسىنى ئالغۇسى كېلىش، مەيلى ئۇ قىممەت ياكى لازىملىق نەرسە بولۇش- بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، بۇنى پەقەت بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلەش مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ پۇلدار بولسا مانا مۇشۇنداق «ئۆزى بىلگىنىنى قىلغىلى» بولىدۇ. بۈگۈن ئاپتورنىڭ كۆپچىلىك ئۈچۈن ئىدىتلاپ بەرمەكچى بولغىنى پۈتۈن يەر شارىدىكى پۇلدارلارنىڭ پۇل خەجلەش ئۇسۇلىدۇر، ئەگەر سىزنىڭ پۇلىڭىز بولسا ئۆگىنىپ قويۇڭ، ئەگەر پۇلىڭىز بولمىسا كۆرۈپ قويۇڭ. ھىندىستانلىقلار ئەزەلدىن ئالتۇننى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدۇ، كۆز قۇۋۋىتىنى ئۆلچەش ئۇستىسى چاۋان ئايالىنىڭ چىشىغا قاپلانغان ياقۇتنى كۆرۈپ، ئەقلىگە توساتتىن ئامال كېلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلانغان يوشۇرۇن شەكىللىك كۆز ئەينەكنى لاھىيەلەپ چىققان بولۇپ، ھەر بىر جۈپنىڭ باھاسى 15 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، پەقەت ئۇنى تاقىۋالسىلا، كۆزى ئالتۇن رەڭدە كۆرۈنىدۇ.

     ياپونىيە ناگويا، شىنمېي سائەتچىلىكىنىڭ باش دۇكىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا قىممىتى 300 مىليون ياپونىيە يىنى (تەخمىنەن 18 مىليون 350 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) قىممىتىدىكى «ساپ ئالتۇندىن ياسالغان ساندۇق» نى كۆرسەتتى. ئەگەر پۇلىڭىز بولسىلا، پۇل سالىدىغان نەرسىلەرنىمۇ ئالتۇندىن ياساتقىلى بولىدۇ.

     ئەنگىيەلىك باي داننىي لامبو 29 ياشلىق قىز دوستى ناتاشا فلايىنغا پاسخا بايرىملىق سوۋغات ئۈچۈن، ساپ سۈتلۈك شاكىلات ۋاننا تەييارلىغان. ۋاننىدا يۇيۇنۇشقا كەتكەن خىراجەتنىڭ تەننەرخى 1000 فوندستېرلىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئىشلىتىلگەن شاكىلاتنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 1 مىليون 300 مىڭ كالورىيەگە يېتىدۇ.

     ھەممەيلەن دۇبەيدە پۇلدارلار كۆپ دېيىشىدۇ، بۇ گەپ راست ئېيتىلغان. بۇ 1500 دانە يالتىراق نۇر تاياقچىسى، 65000 دانە سۋاروۋىسكى خروستالى ۋە 4000 دانە قەغەز تۇرنىدىن بېزەلگەن توي زالىغا قاراڭ، بەئەينى خىيالى جەننەتكە ئوخشاش بولۇپ، ھەتتاكى چولپانلارنىڭ توي مۇراسىمىدىنمۇ ھەيۋەتلىك. بۇنى دۇبەيلىك لاھىيىلىگۈچى شېيكا لاتىفا ئۆزى بىر قوللۇق لاھىيەلىگەن.

     لامبورگىنى سىزگە، تىراكتور ھەيدەيدىغانلارنىڭمۇ پۇلدار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ! لامبورگىنى ئەرلەر ياخشى كۆرىدىغان مۇسابىقە ئاپتوموبىلى بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ يەنە كىشىنى قايىل قىلىدىغان تىراكتورىمۇ باردۇر. بۇ نۇسخىدىكى Nitro تىپلىق تىراكتور ھەرگىزمۇ پەقەتلا نەپس بۇيۇم ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. دېھقان تاغىلارنىڭ چوقۇم ئېرىشكۈسى كېلىدۇ.

 

     ياپونىيە توكيودا سۋاروۋىسكى خروستالىدىن ياساپ چىققان ئالاھىدە ھەشەمەتلىك تەرەت تۇڭى، بۇنىڭغا 70000 دانە خروستال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يالت- يۇلت قىلىپ چاقناپ تۇرىدۇ، بۇ تەرەت تۇڭى سېتىلمايدۇ، ئەمما باھاسى تەخمىنەن 10 مىليون ياپونىيە يىنى. ئارال دۆلىتى خەلقى مۇشۇنداق ئاقسا، بۇنداق تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرسىڭىز بەلكىم سىزمۇ ئەيمىنىپ چىقىرالماسلىقىڭىز مۇمكىن.

    ئامېرىكا نىيۇ يوركتىكى Serendipity3 رېستۇرانى چىقارغان دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئالتۇن ھەشەمەتلىك ماروژنا سۇنداي (Golden Opulence Sundae )، باھاسى 1000 ئامېرىكا دوللىرى. بىز پەقەت كۆرۈپ قويساقلا كۇپايە.

     ئىت بېقىش كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئىش ئەمەس، بىرازىلىيەلىك باي ئارى بورگس 9 دانە يولۋاس ۋە 2 دانە چىشى شىر باققان بولۇپ، ھەتتاكى فېدراتسىيە ياۋايى ھايۋانلار ئورنى بىلەن بېقىش رايونىنى تالىشىپ دەۋاغا چۈشكەن، پۇلدار بولسا ئامال يوق.

     پۇلدارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇل دېگەن كۆيدۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. 24 كاراتلىق ئالتۇن قەغەزدىن ياسالغان تاماكا قەغىزى 12 پارچىسى 1 قاپ، سېتىلىش باھاسى 60 ئامېرىكا دوللىرى، پۇلدار بەڭگىلەرنىڭ يېڭى ئامرىقى. گەرچە ئالتۇن سۈمۈرۈشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى تېخى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پۇلدارلارنىڭ ئالتۇن تاماكا قەغىزىنى مەرتىۋىنىڭ سىمۋولى قىلىش قىزغىنلىقىغا ئازراقمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىدى.

     پۇلدارلار ئىت بېقىش ئۈچۈن 1496 دوللار خەجلەپ ئەرمەك ھايۋانلار كارىۋىتى سېتىۋېلىشىدۇ، بۇ پەقەت ئەرمەك ھايۋىنىنىڭ تاتلىق ئۇيقۇدىن بەھىرلىنىشى ئۈچۈندۇر. مۇشۇ يىللاردا قانچىلىغان ئادەملەرنىڭ ھالى ئىتقىمۇ يەتمەيدۇ ھە!



خەتكۈچلەر:
16-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek