جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4 - ئىيۇن بەرگەن خەۋىرى ، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، شۇ جاي ۋاقتى 4- ئىيۇن گانا پايتەختىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى باياناتچىسى 4 – ئىيۇن گانا پايتەختىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 78 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇ يەردە يامغۇردىن پاناھلىنىۋاتقان ئىكەن.
ماي قاچىلاش پونكىتىدا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئون نەچچە كىشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر ۋەقە شۇ يەردە ياغقان قاتتىق يامغۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەم قارالماقتا.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، گانا دائىرىلىرى ئاز دېگەندە 73 ئادەم قازا قىلدى دېگەن. خىزمەتچى خادىملار نەق مەيداننى تازىلاش ۋە رېمونت قىلىش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقەدە ئاز دېگەندە 96 ئادەم قازا قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved