يەمەن ساباھ ئاگېنتلىقىنىڭ 21-سىنتەبېردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يەمەندە ئىچكى سىياسىي كرىزىس يامانلاشقانلىقتىن، زۇڭلى باساندو شۇ كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ ئىستېپا بېرىش قارارىنى يەمەن زوڭتۇڭى ھادى بىلەن شىئە مەزھىپى قۇسەي قۇراللىق تەشكىلاتىغا ئۇقتۇرغان. يەمەن ھۆكۈمىتى 30-ئىيۇل بېنزىن، دېزىلىننىڭ باھاسىنى زور كۆلەمدە ئۆستۈرۈشنى جاكارلاپ، ئاۋامنىڭ نارازىلىقىنى پەيدا قىلدى، بۇنىڭ بىلەن سىياسىي كىرزىس كېلىپ چىقتى.
قۇسەي قۇراللىق تەشكىلاتى نەچچە ئون مىڭ يەمەنلىك ئاممىغا رەھبەرلىك قىلىپ 8-ئاينىڭ باشلىرى پايتەخت سانادا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، زوڭتۇڭ ھادىدىن يېقىلغۇ ماي تولۇقلىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە كابىنېتنى تارقىتىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
2-سېنتەبىر ھادى ئىچكى مۇئەللىمانچىلىقنى تىنجىتىش ئۈچۈن، بىر ھەپتە ئىچىدە يېڭى زۇڭلىنى كۆرسىتىپ ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە بۇيرۇيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەمدە قۇسەي قۇراللىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلىنى كابىنېتقا كىرىشكە تەكلىپ قىلدى. بىراق قۇسەي قۇراللىق تەشكىلاتى ھادىنىڭ تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلمايلا قالماي، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved