تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېكسىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ۋېراكرۇز شىتاتىدا، 10 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتوبۇس كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى يۈزبەرگەن بولۇپ ، ئاز دېگەندىمۇ 18 ئادەم قازا قىلغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 لار ئەتراپىدا ، بىر ئاپتوبۇس ۋېراكرۇز شىتاتىدىكى ئاتوياكتىن يولغا چىققان بولۇپ، يېرىم يولغا كەلگەندە ھادىسە يۈز بېرىپ ، يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 30 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كەتكەن، ئاز دېگەندىمۇ 18 ئادەم قازا قىلغان ، 15 ئادەم يارىلانغان .
ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، يەرلىك قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە خەلق مۇداپىئە تارمىقى خادىملىرى تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارغان، ھەمدە يارىلانغانلارنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان. بۇ ھادىسىدە ھايات قالغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا شوپۇرنىڭ كۆۋرۈكگە كەلگەندە بۇرۇلۇش دەرىجىسىنىڭ بەك چوڭ بولۇشى، ئاپتوبۇسنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئارقىدىنلا كۆۋرۈكتىن جىلغىغا چۈشۈپ كەتكەن.
ئېگىلىنىشىچە، بۇ ئاپتوبۇس بىر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچى بولغان كوماندىنىڭ كوماندا ئەزالىرىنى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئىكەن.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved