گوللاندىيە بۇ يىل 4-ئايدا چېڭدۇدا ۋىزا مەركىزى تەسىس قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى بىلەن گوللاندىيەنىڭ كۈنسايىن قويۇقلىشىۋاتقان ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە مۇلازىمەت قىلماقچى بولدى.
3-فېۋرال، گوللاندىيە پادىشاھ ئوردىسىنىڭ چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى چېڭدۇدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: چېڭدۇ بىلەن گوللاندىيەنىڭ ئامېستېردام شەھىرىنىڭ بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى چېڭدۇدا ۋىزا مەركىزى تەسىس قىلىشىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. بىز چېڭدۇ، خاڭجوۋ، شيامېندا ۋىزا مەركىزى تەسىس قىلىشنى ئويلاشقانىدۇق، ھازىرچە چېڭدۇنى بېكىتتۇق.
2016-يىلى گوللاندىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى چېڭدۇغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچقىنىغا 10 يىل بولدى. ھازىر، ئايروپىلانلار ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئۇچۇشتىن ھەپتىسىگە تۆت قېتىم ئۇچىدىغان بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved