تەقلىدىي فارفور قاچىلارنى سېتىۋالغاندا ئېھتىيات قىلىڭ

        بۇ قاچىنى بوۋىقىمنى غىزالاندۇرۇشقا ئىشلىتىمەن، ئۇنىڭ نېمىدىن ياسالغانلىقىنى بىلمەيمەن. باشقىلار ئىشلىتىۋاتقاندىكىن، بىخەتەر، دەپ ئويلايمەن.

      ئاشخانىمىزغا كىرىپ-چىقىدىغان خېرىدار كۆپ بولغاچقا، ھەقىقىي فار فۇر قاچا-قۇچىلارنى ئىشلەتسەك، ئاسان پۇچۇلۇپ ياكى سۇنۇپ كېتىدىكەن. تەقلىدىي فارفور قاچا-قۇچىلار يەڭگىل، ئوڭايلىقچە چېقىلىپ كەتمەيدۇ، يۇيۇشمۇ ئاسان، ئىشلىتىش ياكى يۇيۇش جەريانىدا قولدىن چۈشۈپ كېتىپ دەز كەتسىمۇ، پۇچۇلۇپ كەتمىگەندىكىن ئىشلەتسەك بولۇۋېرىدۇ.

      ئوخشاش قاچا-قۇچىلار يايمىلاردا ئەرزان، تاللا بازىرىدا قىممەت ئىكەن. نېمىلا دەيلى، ھەممىسى يالتىراق بولغاندىكىن قەيەردىن، قانچە پۇلغا سېتىۋالساق ئوخشاش.

     تەقلىدىي فارفور قاچىلار چىرايلىق. دۇكىنىمدا چىنە-قاچا، چوڭ-كىچىك تەخسىدىن تارتىپ دورا-دەرمەك قۇتىسى، پەتنۇس، تاۋاق...ھەممىسى بار، قاراشقا ھەقىقىي فارفۇردەك كۆركەم كۆرۈنىدۇ، سېتىۋالىدىغانلارمۇ كۆپ.

      دەرۋەقە، تەقلىدىي فارفور قاچا-قۇچىلار چىرايلىق، يېنىك، ئاسان چېقىلمايدىغان بولغاچقا، ئىستېمالچىلار، بولۇپمۇ تېز تاماقخانا، ئاشخانا ئاچىدىغانلار ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلانغان. بۇنىڭدىن سىرت، كۆپىنچە ياش ئاتا-ئانىلار ئۇنىڭ ئوڭاي چېقىلمايدىغانلىقى ھەمدە بەك قىزىپ كەتمەيدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بوۋاقلىرىغا ياكى كىچىك بالىلىرىغا غىزا بېرىشتە ئىشلىتىدۇ. بۇنداق قاچا-قۇچىلارغا ھەرخىل گۈل ياكى كارتونلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بولغاچقا، بالىلارمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

تۇرمۇشىمىزدا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان تەقلىدىي فارفور قاچا-قۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يۇقىرى ھارارەت ياكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ياكى دەز كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئىستېمالچىلار تەقلىدىي فارفور بۇيۇملارنى سېتىۋالغاندا، كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە دىققەت قىلمايدۇ ھەم ئوقۇپمۇ كەتمەيدۇ. كۆرۈش، تۇتۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش بىر قەدەر تەس بولغاچقا، ئوخشاش نەرسە تۇرسا، ئەرزانراقلىرىنى ئالمامدىم، دەپ ئويلايدۇ.

ئۇنداقتا ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان تەقلىدىي فارفور بۇيۇملار نېمىدىن ياسىلىدۇ؟ ئۇنىڭ سۈپىتىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ سېتىۋالغاندا ھەم  ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە ۋە خىمىيە سانائىتى ئىنستىتۇتىدىن ئەخمەت ساتتار مۇنداق دېدى:

تەقلىدىي فارفور قاچا-قۇچىلار ئەمەلىيەتتە يۇقىرى مولېكۇلىلىق يالتىراقتىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئۇ ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ زىچلىقى يۇقىرى دېۋىرقاي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن بۇ زىيانسىز. ئادەتتە بۇنداق بۇيۇملار نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گرادۇستىن 120 سېلسىيە گرادۇسقىچە ھەم نۆلدىن يۇقىرى 230 گرادۇستا سۈپەت ئۆزگىرىشى ياسىماسلىقى كېرەك. دۆلەت ئورىيا مېتىل فورمىئاندىن تەقلىدىي فارفور بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەيدۇ. بەزى كارخانىلار قانۇنسىز ھالدا ئورىيا مېتىل فورمىئان يېلىمىدىن تەقلىدىي فارفور بۇيۇملارنى ياسايدۇ. بۇنداق بۇيۇملار مەلۇم گرادۇسقا يەتكەندە تەركىبىدىكى ئورىيا بىلەن مېتىل فورمىئان پارچىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە تەقلىدىي فارفور قاچا-قۇچىلارنى ئىشلەتكەندە غەيرىي پۇراق چىقىشنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. ھازىر بازارلاردا بىر قىسىم تەقلىدىي فارفور قاچا-قۇچىلار بار بولۇپ، ئۇلار دۆلەت ئىشلىتىشنى چەكلىگەن ئورىيا سىمولىسىدىن ياسىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە يۇقىرى بولغاندا 80 سېلسىيە گرادۇسلۇق ھارارەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. بۇ تېمپېراتۇرا ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەندە، قاچىغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىيالدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئېنىقراق ئېيتقاندا فورمالدېھىد قويۇپ بېرىدۇ. دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىدە ئاتموسفېرادىكى فورمالدېھىدنىڭ قويۇقلۇقى ھەر كۇب مېتىردا 0.08 مىللىگرام ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولۇشى كېرەك، دېيىلگەن، بەزى تەقلىدىي فارفور قاچىلارغا يۇقىرى ھارارەتتىكى ياغ ياكى باشقا يېمەكلىكلەرنى قۇيغاندا دەز كېتىش ھەم قاچىدا كۆپۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق چاغدا ئۇ قويۇپ بەرگەن فورمالدېھىدنىڭ مىقدارى 0.08 مىللىگرامدىن ئېشىپ كېتىدۇ-دە، ساغلاملىققا يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا بۇنداق قاچا-قۇچىلارغا ئاچچىق، ياغلىق، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق ۋاقىت قويۇپ قويۇش توغرا ئەمەس.

مۇخبىرنىڭ بازاردا سېتىلىۋاتقان تەقلىدىي فارفور قاچا-قۇچىلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ؟ ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ دېگەن سوئالىغا ئەخمەت مۇئەللىم مۇنداق دېدى:

ئىستېمالچىلار ئەڭ ياخشىسى چوڭ سودا سارىيى، ئىشەنچلىك، مۇنتىزىم تاللا بازارلىرىدىن سېتىۋېلىش، شەكلى كۆركەم، رەڭگى چىرايلىقلىرىنى ئەمەس، سۈپەتلىكلىكىنى؛ باھاسى يۇقىرىراق بولسىمۇ، زىيانسىز مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشى؛ مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئادرېسى ھەم QS بەلگىسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارىشى كېرەك. ھازىر تەقلىدىي فارفور بۇيۇملارنىڭ رەڭلىرى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك چىرايلىق، ئەمما قانچىكىن ئاددىي، سۈزۈك بولسا شۇنچە بىخەتەر بولىدۇ، تەقلىدىي فارفور بۇيۇملارنى يۇيغاندا ئاقارتىش، كىر چىقىرىش پاراشوكلىرىنى ئىشلەتمىگەن، كۆپ بولغاندىمۇ بەش يىل ئىشلەتكەندىن كېيىن يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇۋەتكەن ياخشى.



خەتكۈچلەر:
27-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
Powered by Leglek