سىنا تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى،5-ئاينىڭ 4-كۈنى خەۋىرى: كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشچە، چاۋشيەن خانىم-قىزلىرىنىڭ ھۆسن تۈزەش، تېرە ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلىشىگە ئەگىشىپ،چاۋشيەن غول ھۈجەيرە ۋە تەبىئىي خام ئەشيالاردىن ئېلىنىپ ئىشلەنگەن گىرىم بۇيۇملىرى بازارغا سىلىنغان. بۇ ئاساسلىقى چەتئەل داڭلىق ماركىلىق گىرىم بۇيۇملىرىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدىغان چاۋشيەن ئالىي رەھبەرى كىم جوڭئىننىڭ مۇناسىۋەتلىك يول-يۇرۇقى بىلەن بولغان.
كورېيە بىرلەشمە ئاگنېتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چوسونلار بىرلەشمە ئورگان گېزىتى« چاۋشيەن يېڭى گېزىتى»دە دېيىشچە، چاۋشيەن پىيوڭياڭ گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى ھازىر «تەبىئىي» ۋە«تۆۋەن غىدىقلاش» ئالاھىدىلىككە ئىگە گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرۋىتىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىيولوگىيەلىك قۇرۇلۇش ئىلمى تارماق ئىنستىتۇتى بىلەن ئىلىم-پەن تارماق ئىنستىتۇتى، خەن دىجۇ پىيوڭياڭ يېنىك سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى گىرىم بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ياردەم قىلۋىتىپتۇ.بولۇپمۇ بىيولوگىيەلىك قۇرۇلۇش ئىلمى تارماق ئىنىستىتوتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار غول ھۈجەيرە گىرىم بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىپ چىققان.بۇ گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، نەملىك ساقلاش، تېرىنى ئاقارتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار ئىكەن.پىيوڭياڭ گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى «سامان يولى » ماركىسىدىكى گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، گىرىم سۈيى، ئىمۇلىسسىيە،يۈز ماي، ئۇپا تەگلىكى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.پىيوڭياڭ تەبىئىي خۇشپۇراق تەتقىقات ئورنى قارىغاي يوپۇرمىقىدىن ئايرىپ ئېلىنغان گىرىم بۇيۇملىرى ئاروماتلاشتۇرغۇچى ھەمدە لامنارىيە نەملىك ساقلاش تەركىبلىك گىرىم بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىپ چىققان.
خەۋەردە دېيىشىچە، چاۋشيەن كىم جوڭئىن تەخىتكە چىققاندىن كىيىن، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان يېنىك سانائەت ساھەسىدىكى مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشنى ئۈزلۈكسىز تەكىتلىگەن، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئېرىشكەن نەتىجىسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلغان.چەت ئەلدە تۇرمۇش تەجرىبىسى بار كىم جوڭئىن پىيوڭياڭ گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، زاۋۇتتىن سۈپەت جەھەتتە چەت ئەل گىرىم بۇيۇملىرىدىن قېلىشمىغان سۈپىتى ياخشى گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved