ئانىلار خاراكتېرىنىڭ ئەۋلادلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى


       ئانىلارنىڭ خاراكتېرى بالىلار خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاسىتە ۋە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىزدە مۇنداق بىر ئەنئەنە بار: بوۋاق تۇغۇلۇپ ئۈچىنچى كۈنى بالىنى ئانا سۈتىدىن باشقا تاتلىق يېمەكلىك بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلىدۇ. ئاتا – ئانىلار بوۋاقنى ئېغىزلاندۇرغاندا ئۇنىڭ ياخشى خۇلق – مىجەز ۋە ئېسىل خاراكتېرلىك چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان ۋە ئارزۇ قىلىدىغان ياخشى مىجەز – خاراكتېرلىك ئاياللارنى تاللاپ بوۋاقنى ‹‹ئېغىزلاندۇرۇش ئانىسى›› قىلىدۇ. گەرچە بالىلار خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ‹‹ئېغىزلاندۇرۇش ئانا››نىڭ مىجەز – خاراكتېرىنىڭ مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئەمما، بۇنداق ‹‹ئېغىزلاندۇرۇش›› ئەنئەنىسىگە ئاتا – ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىسىنىڭ ياخشى مىجەز – خاراكتېرلىك چوڭ بولۇش ئارزۇلىرى سىڭدۈرۈلگەن. بەزىدە مىجەز – خاراكتېرى ناچار ئادەملەرگە باھا بەرگەندە كىشىلەرنىڭ: ‹‹ئۇنى كىم ئېغىزلاندۇرغان بولغىيتى››دەپ ئەپسۇسلىنىشى ئاشۇ قاراشتىن بولغان. ئەمەلىيەتتە بالىلار خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئانىلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرى مۇھىم رول ئوينايدۇ.


     پەرزەنت ئۈچۈن ئائىلە ئەڭ دەسلەپكى ‹‹كىچىك جەمئىيەت››، شۇنداقلا تۇنجى تەربىيە بۆشۈكى. ئانا پەرزەنتنىڭ بىرىنچى ئۇستازى. پەرزەنت بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ كۆرىدىغىنى ئانا. تۇنجى ئاۋازىنى ئاڭلايدىغىنىمۇ ئانا. تۇنجى بولۇپ ھىدىنى پۇرايدىغىنىمۇ ئانا. ئانىنىڭ بالا بىلەن بىللە بولىدىغان مەزگىلى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. بالىلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ مەكتەپ يېشىغا يەتكىچە ئانىنىڭ تەربىيەسىدە بولىدۇ. بۇ چاغ پەرزەنتلەرنىڭ خاراكتېر يېتىلدۈرىدىغان مۇھىم مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى ئانىلارنىڭ ياخشى – يامان خاراكتېرى پەرزەنتلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي ئامىللارنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ. مىجەز – خاراكتېرىدە ئىجابىي ئامىللار يۇقىرى بولغان ئانىلارنىڭ تەربىيەسىدە بولغان بالىلاردا ياخشى خاراكتېر يىلتىز تارتىپ، سەمىمىي – راستچىل، ئوچۇق – يورۇق، چىقىشقاق، ئاق كۆڭۈل، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى ئۈستۈن، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشايدىغان، مۇستەقىللىقى كۈچلۈك خاراكتېر يېتىلىدۇ. ئانىلار ئۆزىدىكى ناچار خاراكتېرنىڭ تەسىرى بىلەن بالىلارغا ئىللىق ۋە ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتمىسا، ئۇلارنى چۈشىنىشكە ماھىر بولمىسا، ئۆزئارا سىردىشىشنى، سورىغان سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشنى بىلمىسە ياكى بەزىدە مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، بەزىدە قاتتىق قوللۇق قىلىپ ئۇرۇش، تىللاشنى تەربىيە ئۇسۇلى قىلىۋالسا، ئېنىقكى، بالىلاردا ناچار خاراكتېر شەكىللىنىپ، جېدەلخور، چىدامسىز، بوشاڭ، ھۇرۇن، يالغانچى، ئۆكتەم، شەخسىيەتچى، ئاچ كۆز، مۇستەقىللىق قارىشى ئاجىز، ئىرادىسىز، مەنمەنچى، تەييارتاپ بولۇپ چوڭ بولىدۇ.


      ئەۋلادلاردا ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈش تەشەببۇسى يېڭى ئۇقۇم ياكى يېڭى كۆزقاراش ئەمەس. ئەجدادلار ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا بالىلاردا ياخشى مىجەز – خۇلق يېتىلدۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹گۈزەل خۇلق ئىنسان ئەيىبىنى ياپقۇچ››دەپ ئەۋلادلاردا خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇتقان. ‹‹قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىپتۇ››، ‹‹ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە›› دېگەن ماقال – تەمسىللەردىن ئادەمنىڭ خاراكتېرى ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەنە دىموكرىت: ‹‹ياخشى خاراكتېرلىك كىشىنىڭ ھاياتىمۇ ياخشى بولىدۇ››، ئوشىنىسكىي: ‹‹تەربىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسىتى خاراكتېر يېتىلدۈرۈشتۇر››دەپ كۆرسىتىپ، بالىلاردا خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇتقان.


     بالىلاردىكى ساغلام خاراكتېر ئۆزلۈكىدىن شەكىللەنمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يېتىلىشىگە مۇنبەت تۇپراق، ياخشى پەرۋىش بولۇشى كېرەك. بۇ جەھەتتە يەنىلا ئانىلار مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلاردا بالىلارغا ئۈلگە بولىدىغان، بالىلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ساغلام خاراكتېر، ياخشى مىجەز – خۇلق يېتىلىشى لازىم. دېمەك، ئانىلارنىڭ ساغلام خاراكتېرى بالىلار خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشتە تولىمۇ مۇھىم. ئانىلار ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان، قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بالىلار تەربىيەسىدە ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاۋۋال ئۆزىدە گۈزەل خۇلق، ئېسىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ، ئاندىن بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ يېتەكلىگەندە ۋە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەندە بالىلاردا ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرگىلى، تەربىيەدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
10-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek