مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھىندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە، ماتىررازى يېتەكچىلىكىدىكى چىننائىتان كوماندىسى 3: 2 نەتىجە بىلەن گوئا FC كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ 2015-يىللىق ھىندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى. ماتىررازى 2014-يىلى ھىندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە سەھنىسىگە قەدەم باسقان بولۇپ، بۇ ماتىررازىنىڭ ھىندىستان مەشقاۋۇللۇق ھاياتىدىكى تۇنجى چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ھېسابلىنىدۇ. ھىندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسدە ئادەتتە سەككىز كوماندا بولىدۇ. بىرلەشمە مۇسابىقە 10-ئايدا باشلىنىپ 12-ئايدا تولۇق ئاخىرلىشىدۇ. يەنى مۇسابىقە پەسلى قىسقىغىنا بولغان ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ بىرلەشمىدە كەسپىي ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىدىكى بەزى داڭلىق چولپانلار كېلىپ توپ تېپىۋاتقان بولۇپ، يۇقۇرى بولغان تەمىنات ئۇلارنى قىزىقتۇرغان. مەسلەن: گوئا FC كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى زىكو، برازىلىيەلىك داڭلىق توپچى لوسىئو قاتارلىقلار. ماتىررازىنىڭ كوماندىسى دائىملىق بىرلەشمە مۇسابىقە رەت-تەرتىپتە ئۈچىنچى بولغان، ئادەتتە ئالدىنقى تۆتنىڭ ئىچىگە كىرگەن كوماندا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينايدۇ. ماتىررازى يېتەكچىلىكىدىكى كوماندا ئىككى ئايلانمىلىق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئومومىي نومۇردا 4 : 2 نەتىجە بىلەن 2-بولغان كالكۇتا رىقابەت كوماندىسىنى يەڭگەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ دەسلىپىدە گوئا FC كوماندىسى 85 مىنۇتقىچە 2 : 1 ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان. مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا چىننائىتان كوماندىسى نومۇرنى ئاشۇرۇپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن. 2006-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە فرانسىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، مۇسابىقە جەريانىدا ماتىررازى سەت گەپلەر بىلەن زىدانىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ھاقارەتلىگەن. قاتتىق غەزەپكە كەلگەن زىدانى كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ماتىررازىنى بىر كاللا قويۇپ يىقىتقان. باش رېپىر زىدانىغا قىزىل كارتا چىقارغان. بۇ زىدانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا ماتىررازىنىڭ نامى بىراقلا چىقىپ كەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved