13-دېكابىر، گۇاڭشىنىڭ گوڭچېڭ ناھىيەسى ليەنخۇا بازىرى بىر قېتىملىق جىنايى ئىشلار دېلوسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىككى ئەر ئىت ئوغرىلىغانلىقتىن كەنتتىكىلەردىن ئۆلگۈدەك تاياق يەپ، بىرەيلەن نەق مەيداندا ئۆلۈپ، بىرەيلەن ئېغىر يارىلانغان. شۇ جايدىكى توردا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەردىن ئايان بولۇشىچە، ئىككى نەپەر ئىت ئوغرىلىغۇچىنىڭ كىيىملىرىمۇ سالدۇرۇۋېتىلگەن. بىرەيلەننىڭ ئىككى قولى قايرىپ باغلىۋېتىلگەن بولۇپ، يېنىغا يەنە ئىت ئوغرىلاشتا ئىشلەتكەن ئوقيا قويۇپ قويۇلغانىدى؛ يەنە بىر ئىت ئوغرىسىنىڭ پۈتۈن بەدىنى قانغا بويالغان بولۇپ، بەدىنىگە يەنە ئاپپاق تۇز چېچىۋېتىلگەنىدى. ئىككىيلەننىڭ موتوسىكلىتىنىمۇ كەنتتىكىلەر كۆيدۈرۈۋەتكەن.
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved