6-دېكابىر سائەت 12:50 لەردە چارلاش – مۇداپىئە – كونترول چوڭ ئەترىتى 2-ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ساقچىلار چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا جىنمېڭ ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدىكى بىر مېھمانخانىغا ئوت كەتكەنلىكىنى بايقىدى ، ئوت ناھايىتى كۈچلۈك كۆيۈۋاتقان ئىدى .
6-دېكابىر چۈشتە كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چارلاش – مۇداپىئە-كونترول چوڭ ئەترىتى 2-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى ليۇ جېنخۇا مۇخبىرغا : ‹‹ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، مۇھەممەد ئېزىز ئۆز بىخەتەرلىكىنى قىلچە ئويلاشماستىن ، ئوت دېڭىزىغا كىرىپ ، قاپسىلىپ قالغان ئالتە كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى . قۇتقۇزۇش جەريانىدا ئۇ زور مىقداردا ئىس – تۈتەك سۈمۈرۈۋالغانلىقتىن ، كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ، قان قۇسۇپ ھوشىدىن كەتتى . خىزمەتداشلار بىرلىكتە ئۇنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردى . دوختۇر 3 سائەتتەك تىرىشىش ئارقىلىق ، ئاخىرى مۇھەممەدنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى ›› دېدى .
خىزمەتداشلىرى مۇھەممەدكە : ‹‹ سىز ئەمدى خاتىرجەم ئارام ئېلىڭ ›› دېگەندە ، ئۇ: ‹‹چوڭ ئىش يوق ، قاراڭ ، مەن ئەتە يەنە داۋاملىق ئىشلىيەلەيمەن ›› دېگەن .
مۇخبىر مۇھەممەدتىن شۇ ۋاقىتتا نېمە سەۋەبتىن ئۆز بىخەتەرلىكى بىلەن ئويلاشماي ، ئوت دېڭىزىغا كىرگەنلىكىنى سورىغاندا ، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ ئىككىلەنگەن ئىدىم ، لېكىن بىر كىچىك قىزچاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، چىداپ تۇرالماي ئوت ئىچىگە بۆسۈپ كىردىم. ئەگەر يەنە نەچچە مىنۇت كېچىككەن بولساق ، ئۇنىڭ ئاقىۋىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئىدى ›› دېگەن .
![]() |
پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved