يەرشارى تورى خەۋىرى، ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) نىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ۋودورود بومبىسىنى سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى جاكارلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى جىددىي يىغىن ئاچتى ۋە يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەنگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلدى .خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بەش دائىمىي دۆلەت چاۋشيەنىڭ يادرو سىنىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە چاۋشيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ئايدىكى نۆۋەتچى رەئىسى، ئۇرۇگۋاي باش ئەلچىسى Rosselli مۇنداق دېدى : ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىلگىرى، ئەگەر پىيوڭياڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار لايىھەسىگە خىلاپلىق قىلىپ يادرو قۇرۇلمىسى ئورناتسا ياكى پارتلىتىش سىنىقى ئېلىپ بارسا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى، يۇقىرىقى ۋەدىگە ھەمدە چاۋشيەنىڭ خىلاپلىق قىلىش دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىقىغا ئاساسەن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى دەرھال خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى قارارىغا دائىر خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.
ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە چوقۇم دىققەت قىلىدۇ. دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە باشقا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر قارار لايىھەسى تۈزۈۋاتقان بولۇپ، لايىھەدە چاۋشيەنىڭ ۋودورود بومبىسى پارتلىتىش سىنىقى ئېلىپ باردۇق دەپ جار سېلىشى قاتتىق ئەيىبلەندى.
ب د ت باش كاتىپى بان كېمون چاۋشيەننىڭ ۋودورود بومبىسى سىنىقى ئېلىپ باردۇق دېگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە پىيوڭياڭنى يادرو پىلانى توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلدى. بان كىمون ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : «مەن چاۋشيەننىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. چاۋشيەننىڭ بارلىق يادرو ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمەن». ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بۇ قېتىمقى يەر ئاستى يادرو پارتلىتىش سىنىقى «ئادەمنى قاتتىق خاتىرجەمسىز» قىلىدۇ، ھەمدە «رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى» نى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. بان كىمون مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : بۇ قېتىمقى پارتلىتىش سىنىقى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەزى قارار لايىھەسىگە خىلاپ، بۇ قارار لايىھەلەر پىيوڭياڭنىڭ يادرو پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش مەنئىي قىلىدۇ.
ئېلان قىلىنغان دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، چاۋشيەن ئىلگىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2006-يىلى، 2009 ۋە 2013-يىلى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەر قېتىمدا قارار ماقۇللاپ ئەيىبلىگەن ۋە جازالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان، بۇ تەدبىرلەر قورال يۆتكەشنى چەكلەش، ساياھەتنى مەنئىي قىلىش، مال-مۈلكىنى توڭلىتىش شۇنىڭدەك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى مەنئىي قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى
بۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەننىڭ بۇ قېتىمقى ۋودورود بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاندىن دەلىللىگىلى بولىدۇ.
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گۆنھيى سۆز قىلىپ، چاۋشيەن يادرو سىنىقى كورېيە بىخەتەرلىكى ۋە دۇنيانىڭ تىنچىلقىغا تەھدىت دەپ ئەيىبلىدى، چاۋشيەننى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا بەدەل تۆلىتىش كېرەك دېدى. پارك گۆنھيى چاۋشيەنگە قارىتىلغان يادرو سىنىقى توغرىسىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە يىغىندىن كېيىن مۇنداق دېدى، بۇ چاۋشيەننىڭ 4-قېتىملىق يادرو سىنىقى، چاۋشيەننىڭ ۋودورود بومبىسىنى سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، چاۋشيەن بىلەن كورىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش تەشكىلاتى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئەگەر چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلغانلىقى بېكىتىلسە، بۇ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكە چوڭ تەھدىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
كىم جۇڭئۇن چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى توپچى قىسىمىنىڭ ئوت كۈچى بىلەن زەربە بېرىش مەشىقىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved