گۇگېل شىركىتى ئىتالىيەدە 227 مىليون ياۋرو باجدىن قېچىشقا چېتىلىپ قالدى

   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيە باج تارماقلىرى يېقىندا ئامېرىكا ئىنتىرنىت كاتتىبېشى گۇگېل شىركىتىنىڭ ئىتالىيىدە 227 مىليون ياۋرو باجدىن قېچىشقا چېتىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گۇگېل شىركىتىنىڭ ئىتالىيىدىكى باجدىن قېچىش قىلمىشىنى 2009-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتلارغا سۈرۈشكە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، گۇگېل ئىتالىيىدىكى بىر نامسىز تەشكىلات ئارقىلىق باجدىن قاچقان. ئىتالىيە باج تارماقلىرى گۇگېلنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى باشلىغان بولۇپ، ئاخىرىدا گۇگېل شىركىتى قاچقان باجنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ئارقىلىق بۇ ماجرادىن قۇتۇلىشى مۇمكىن ئىكەن.

   بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، گۇگېل شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىتالىيە باج تارماقلىرىنىڭ بۇ دوكلاتىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، شىركەتنىڭ تىجارەت قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەردە باج تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ ئاكتىپلىق بىلەن باج تاپشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

   گۇگېل شىركىتى تېخى يېقىندىلا ئەنگلىيە باج تارماقلىرىغا 130 مىليون فوندىستېرلىڭ باجنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا ماقۇل بولغان ئىدى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2013-يىلى گۇگېلنىڭ ئەنگىلىيەدىكى تىجارەت كىرىمى 3.8 مىليارد فوندىستېرلىڭغا يەتكەن. لىكىن شۇ يىلى گۇگېل ئەنگلىيە باج تارماقلىرىغا پەقەت 20 مىليون 400 مىڭ دوللار باج تاپشۇرغان ئىدى.

   گۇگېل ئىتالىيەدە باجدىن قېچىشقا چېتىلىپ قالغان تۇنجى چەتئەل شىركىتى ئەمەس. ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتىمۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىتالىيە باج تارماقلىرى بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ 318 مىليون ياۋرو باجنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا ماقۇل بولغان. ئىتالىيە باج تارماقلىرى بۇلتۇر 3-ئايدا ئالما شىركىتىنىڭ «پايدىنى يۆتكەش» ۋاستىسى ئارقىلىق ئىتالىيىدە 879 مىليون ياۋرو باجدىن قاچقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.



خەتكۈچلەر:
29-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
Powered by Leglek