ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىنىڭ رىۋايەت خاراكتېرلىق يان ھۇجۇمچىسى گىگىس ئۆزىنىڭ مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبىدىكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقان. بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندا ئۇ كونا تېرافۇردىن ئايرىلىدىكەن.
گىگىس ئۆزىنىڭ 17 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبى بىلەن ئۆزىنىڭ تۇنجى كەسپىي توختامىنى ئىمزالىغان.ئۇ چاغ بولسا 1990-يىلى 11-ئاي ئىدى.بىراق بۇلتۇر نەق 40 ياشقا توشقان گىگىس ھازىر كېلەركى مۇسابىقە پەسلىدە داۋاملىق توپ تېپىش كېرەكمۇ ياكى ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىككىلىنىش مەۋجۇت ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى مەيدانغا چىقىش ۋاقتى كۆپ بولمىغانلىقتىن گىگىسنىڭ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئويى شەكىللىنىپ قالغان. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇدىغىنى بولسا ئۇ ھازىر قەتئىي ھالدا ئۆزىنىڭ ياردەمچى تېرىنىرلىق خىزمىتىدىنمۇ ئىستىپا بېرىش توغرىسىدا ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندا مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبىدىن تەل تۆكۈس ئايرىلماقچى ئىكەن.
بۇ مۇسابىقە پەسلىدە مويىس ( مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىنىڭ ھازىرقى مەشقاۋۇلى) مەشقاۋۇللۇق ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان گىگىس تاشقى دۇنيادىكىلەر تەرىپىدىن ئىزچىل مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىنىڭ كەلگۈسىدىكى باش مەشقاۋۇلى بولىدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى.ئەگەر ئۇ مۇشۇ قېتىم راستىنلا ئايرىلسا، ئۇنداقتا مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىنىڭ ئىچ تېشىغا ناھايىتى چوڭ بولغان داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ.
پۇتبول تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved