ئالما شىركىتى مايمۇن يىللىق خاتىرە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى

     مايمۇن يىلى يېتىپ كەلدى، ئاز بولمىغان شىركەتلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مايمۇن يىلى خاتىرە مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالما شىركىتىمۇ بار ئەلۋەتتە. نۆۋەتتە Apple Watch ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىنىڭ مايمۇن يىللىق خاتىرە نۇسخىسى رەسمىي بازارغا سېلىنغان بولۇپ، سائەت بېشى كۈمۈش رەڭلىك ۋە ئالتۇن رەڭلىك نۇسخىلاردا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، بۇنىڭغا قىزىل رەڭلىك سۇلىياۋ سائەت بېغى ماسلاشتۇرۇلغان. سائەت بېشىنىڭ ئۆلچىمى 38 مىللى مېترلىق ۋە 42 مىللى مېتىرلىق ئۆلچەمدە ياسالغان، سېتىلىش باھاسى بولسا ئايرىم ھالدا 2588 يۈەن، 2988 يۈەن قىلىپ بېكىلگەن. ئەنئەنە بويىچە بۇ خىل خاتىرە سائەت پەقەت پانۇس بايرىمى ئاخىرلاشقىچىلىكلا سېتىلىدۇ. 

    شۇڭا بۇ خىل خاتىرە نۇسخىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، شىياڭگاڭ، تەيۋەن، سىنگاپور ۋە مالايسىيا قاتارلىق جايلاردا 2-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە سېتىلىدۇ. سىنا تورى تەمىنلىگەن سۈرەتلەردىن قارىغاندا، ئالما شىركىتى يەنە نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇق لاھىيىلىگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلغان، شۇنداقلا ناخشىچىلارنى تەكلىپ قىلىپ تىنچلىق ۋە بەخت تىلەيدىغان ناخشىلارنى ئورۇنلىغان. پائالىيەتكە قاتناشقان خېرىدارلار نەق مەيداندا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى سىناپ بېقىشتىن باشقا يەنە iPad Pro ئارقىلىق مايمۇن يىللىق مەخسۇس تام سۈرەتلىرىدىن بەھرىمان بولغان.



خەتكۈچلەر:
15-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
08-05-2016
     تېڭشۈن تورى پەن-تېخنىكىسىنىڭ 8-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا، ئارخېئولوگلار بېنت ئېھرامى (قاھىرە شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا) نى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش...
08-05-2016
1996-يىلى، گۇگول يەنىلا بىر تەتقىقات تۈرى ئىدى. قۇرغۇچىلىرىدىن سېرگى برىن (Sergei Brin) ۋە لاررىي پېيج (Larry Page) گۇگولنى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋەتكىلى تاسلا قالغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەن. ھازىر، گۇگ...
07-05-2016
    Digitimes نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيجىدىيەن (TSMC) يىقىندا 2017-يىللىق يېڭى نۇسخىدىكى ئايفون ئۈچۈن لايىھەلەنگەن A11 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلىق كۆرۈشنى باشلىغان. ئىگەللىنىشىچە، ئالما A11 نى ئىش...
07-05-2016
    يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 18-تۈرلۈك «IPHONE» سودا ماركىسى شىنتوڭ (新通天地) تېخنىكا شىركىتىگە تەۋە دەپ كېسىم چىقاردى، بۇ تۈرلۈك ماركىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى بولسا تەقلىدىي تېرە، كالا تېرىسى، ئۆي جاھازىسى تېر...
07-05-2016
    تۈنۈگۈن 8 دىيوملۇق Galaxy Tab S3 نۇسخىلىق تاختا كومپيۇتېر دۆلەت ئىچىدە تورغا كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن بۈگۈن يەنە تور بېتىدە Galaxy Tab 4 Advanced نۇسخىلىق تاختا كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمە ئۆلچەملىرى ئاشكارىلاندى، د...
07-05-2016
    2014-يىلى، گۇگۇل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئابونتلىرىغا قارىتا Android One تۈرىنى يولغا قويغانىدى، ئەمما ھازىرغا قەدەر، Android One تۈرى گۇگۇل ئويلىغاندەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلمىدى، باشقىچە ئېيتقاندا، ئابونتلارنىڭ An...
07-05-2016
    رېيتېر ئاگېنتلىىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىنى پىلانلىغان، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مەقسىدى بولسا ھۆكۈمەتتىكى بىر...
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتى پاي چېكى باھاسى تۈنۈگۈنكى بازاردا يەنە بىر قېتىم چۈشۈپ، يەككە باھاسى 91.85 دوللاردا توختىغان، بۇ 2014-يىلى 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. يىقى...
06-05-2016
    گەرچە Galaxy J تۈرىدىكى ۋە Galaxy A يۈرۈشلۈكىدىكى يانفونلار ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك بازارلاردا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو بازىرىدا ئەھۋال بۇنداق ئەمەس، سامسۇڭنىڭ شىياۋمى ۋە مېيزۇ شىركەتلىرىنىڭ م...
06-05-2016
    چەت ئەل تارتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر ئالاقە تورى فىنلاندىيەلىك 10 ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ تور سېستىمىسىدىكى نۇقساننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەرگەن.  &...
Powered by Leglek