شىياۋمى بۈگۈن ئورگان تورىدا يېڭىدىن بازارغا سالغان تور رادىئوسىنى ئېلان قىلغان، بۇ رادىئوغا سىمسىز تورنى قوللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، توردىكى مەزمۇنلارنى قولايلىق ھالدا ئاڭلىغىلى بولىدىكەن، سېتىلىش باھاسى بولسا 129 يۈەن ئىكەن.شىياۋمى تور رادىئوسىنىڭ گەۋدىسى پۈتۈنلەي ئاق رەڭلىك بولۇپ، ئاددىي ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن، چوڭلۇقى ئالقانچىلىك كېلىدىكەن، ئوڭ تەرەپ بۇلۇڭ قىسمىغا ھال رەڭلىك مېخانىك بۇرىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ قانال يۆتكەش كۇنۇپكىسىنىڭ رولىنى ئوينايدىكەن، ئالدى يۈزىدە يوشۇرۇن ھالەتتە لايىھەلەنگەن سېزىمچان كۇنۇپكىلار باركەن.رادىئونىڭ چوڭلۇقى 83*83*50 مىللىمېتىر ئۆلچىمىدە بولۇپ، ئېغىرلىقى 168 گرام كېلىدىكەن.قوبۇل قىلىپ ئاڭلىغىلى بولىدىغان مەزمۇنلارغا كەلسەك، شىياۋمى شىركىتى ھىمالايا رادىئو ئىستانسىسى، ناڭكو خەۋەرلىرى (囊括新闻)، مۇزىكا، ھىكايە، پارچىلار ۋە ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق 300 مىڭغا يىقىن رادىئو ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، 328 خىل تۈر بويىچە 1.5 مىليوندىن ئارتۇق ئاۋازلىق مەزمۇندىن بەھرىمان بولغىلى بولىدىكەن.
سەپلىمىسىگە كەلسەك، بۇ رادىئوغا MT7688K تىپلىق روتېر ئۆزەكچىسى، CODEC مۇستەقىل كود يېشىش ئىقتىدارى، ئىككى دىيۇملۇق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئاۋاز ياڭراتقۇ قاتارلىقلار سەپلىنىپ، ئاۋاز سۈپىتىنىڭ سۈزۈك ۋە جاراڭلىق بولۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.
باشقا جەھەتلەردە، بۇ رادىئو يەنە زەرەتلىگۈچ رولىنى ئويناش (كۆچمە توكدان ئورنىدا ئىشلىتىش)، شىياۋمى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ۋاقىت بەلگىلەپ قويۇش (قوڭغۇراقلىق سائەت) ۋە ئۆز-ئارا ئۇلىنىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە ئىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved