ۋاڭيى تورى 24-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، CNBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇگېل شىركىتى چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا كەلگۈسى نەچچە ئايدا ئەنگلىيەدە Android Pay ھەق تۆلەش مۇلازىمىتىنى رەسمىي ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. Android pay ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى ئەنگلىيەگە كىرگەندىن كېيىن، Apple ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى ۋە Samsung Pay ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى بىلەن بىۋاستە رىقابەتلىشىدۇ. Android Pay ھەق تۆلەش مۇلازمىتى نۆۋەتتە پۈتۈن ئامېرىكىنى قاپلىغان بولۇپ، بۇ مۇلازىمەت ئابونتنىڭ يانفوندىكى NFC ئىقتىدارى ئارقىلىق تاماملىنىدىكەن شۇنداقلا بۇ مۇلازىمەتنى ئاندرويىد سىستېمىسىنىڭ 4.4 نەشىرىدىن يۇقىرى سىستېمىلاردا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. گۇگېل شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، ئابونتلاربارماق تەگكۈزۈش ھاجەتسىز ھەر قانداق جايدا Android Pay ھەق تۆلەش مۇلازىمىتىنى توسالغۇسىز ئىشلىتەلەيدىكەن. Apple ھەق تۆلەش مۇلازىمىتىگە ئوخشاش لوندون مېتروسى، ئاپتوبۇس ۋە پويىزلىرىدا توسالغۇسىز ئىشلەتكىلى بولدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved