39 ياشلىق راك كېسىلى بىمارى يىگىتىنىڭ توي تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى

 2016-يىلى 22 مارت خۇبىي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىدىكى ئائىلىسىدىكىلەرنى قارشى تۇرۇشى بىلەن گەرچە يۈرگىنىگە سەككىز يول بولغان بولسىمۇ توي قىلالمىغان، ھەمدە قىز راك كېسىلىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، يىگىت كېسەلخانىدا ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپىنى قويدى. ۋۇخەن شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ئالتىنچى رايونىدىكى كېسەلخانىدا بىر مەيدان ئالاھىدە ھەم داغدۇلۇق بولغان توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 39 ياشلىق ۋۇخەنلىك قىز ياڭ ليۇ چىرايىدىن بەخت تۇيغۇسى جىلۋىلەنگەن ھالدا، يىگىتكە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى. مۇشۇ بىر كۈننى ئۇلار 8 يىل كۈتكەن ئىدى. «ئۆزۈمنىڭ توي مۇراسىمىنى ھەر خىل تۈستە خىيال قىلىپ باققان ئىدىم، لېكىن كېسەلخانىدا بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، بىراق مەن ئوخشاشلا بەختلىك.» دېدى ياڭ ليۇ. پېڭ شىن ياڭ ليۇغا گۈل سۇنماقتا.

 8 يىل ئىلگىرى، ياڭ ليۇ بىلەن پېڭشىن دوستلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن تونۇشقان، ئۇ چاغلاردا پېڭ شىننىڭ ئايلىق مائاشى 1500 يۈەنگە يەتمەيدىغان بولۇپ، ياڭ ليۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر بۇ ئىككەيلەننىڭ توي قىلىشىغا ئىزچىل قوشۇلماي كەلگەن. بىراق ياڭ ليۇ ئىزچىل پېڭ شىننىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئىككەيلەن ئايرىلىپ كەتمىگەن. 2012-يىلى ياڭ ليۇنىڭ ئاتىسى بىلەن چوڭ ئاپىسى ئارقا-ئارقىدىن ۋاپات بولۇپ كېتىپ، ئاپىسى باشقا كىشىگە ياتلىق بولىدۇ، ئاپىسى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغاچقا، ياڭ ليۇ بىلەن كۆپ كۆرۈشمەيدۇ. تايانچىسىز قالغان ياڭ ليۇ پېڭ شىن بىلەن بىرلىكتە ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاپ كېتىدۇ. پېڭ شىن ئۆينىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ياڭ ليۇنىڭ رايى بويىچە ئىش قىلىدۇ. ئۇ دائىم شارائىتىم ياخشىلانسا، ياڭ ليۇ بىلەن توي قىلىپ، ۋۇخەندە ئائىلە قۇرۇۋالسام دەپ ئويلايدۇ.

بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا، ياڭ ليۇ بەل ۋە ئومۇرتقا قىسمىنىڭ ئاغرىپ بەدىنىنى رۇسلىيالمىغۇدەك دەرىجىگە بېرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋۇخەن شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىغا بېرىپ بالنىستا ياتىدۇ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق سۈت بېزى راكىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقى ۋە راك ھۈجەيرىسىنىڭ سۆڭەك قىسمىغا يۆتكەلگەنلىكى، ئوپراتسىيە قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ. پېڭ شىن خىزمەت ئورنىدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك رۇخسەت سوراپ، قىز دوستىغا 24 سائەت ھەمراھ بولىدۇ. پېڭ شىن كۈندە قىز دوستىنى ئۇۋۇلاپ، تاماق يېگۈزۈپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ تېلېۋىزور كۆرۈپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىشقا تىرىشىدۇ. ياڭ ليۇ سۈت بېزى راكى سۆڭەككە يۆتكەلگەنلىك سەۋەبلىك، راك ھۈجەيرىسى ئومۇرتقا ۋە داس سۆڭەكلىرىگە تارقايدۇ. بەزىدە ئاغرىقتىن ياڭ ليۇمۇ چىدىيالماي قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا پېڭ شىن ئۇنىڭغا ئىزچىل تەسەللىي بېرىپ «مېنىڭ تىللاڭ، بەدىنىڭىز ئاغرىمايدىغانلا بولسا مېنى نېمە دەپ تىللىسىڭىز مەيلى!» دەيدۇ. بىر ئايلىق كۆڭۈل قويۇپ داۋالاش ئارقىلىق، ياڭ ليۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يامان ئەمەس دەرىجىدە كونترول قىلىنىدۇ. سۆڭەك قىسمىنىڭ ئاغرىقى ئاساسىي جەھەتتىن پەسەيتىلىپ، ئۆسمە تارقىلىشتىن توختايدۇ.

قىز دوستىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، پېڭ شىن ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپىنى قويۇپ، ئۇ ياڭ ليۇغا ھەر بىر ئايال كىشى ئىنتىزار بولۇپ كۈتىدىغان توي كۆينىكى كەيدۈرۈپ، ئۇزىنى ئۇنىڭ ھالىدىن ئېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەۋەر ئالماقچى بولىدۇ. نۇرغۇن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر ۋە دوختۇرخانىدىكى ھەر قايسى خادىملار ئۇلارنى ئوراپ، كېسەلخانا خۇشاللىق قاينىمىغا چۆكىدۇ. بۆلۈم مۇدىرى لۇ خۇڭدا ۋە كېسەلخانا باشقۇرغۇچىسى لېي يەنرۇڭ ئىككەيلەن بۇ تويغا گۇۋاھچى بولىدۇ. پېڭ شىن كېسەل كارۋىۋىتىدا ياتقان ياڭ ليۇغا تويلۇق ئۈزۈكنى تاقاپ ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ «بۇ ئۆمرۈمدە سىز مېنىڭ ئەڭ گۈزەل كېلىنچىكىم!» دەيدۇ. ياڭ ليۇ يىغلىمايدۇ، خۇددىي بىر تال گۈلدەك كۈلۈپ تۇرىدۇ. يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ياڭ ليۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

«ئۇ كەلگۈسىدە ساقىيىپ كېتەمدۇ كەتمەمدۇ، ئالدىمىزدا بىزنى نۇرغۇن قىيىنچىلىقنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلىمەن، بىراق مەن چوقۇم بەرداشلىق بېرىمەن، مەن ئۇنىڭ يۆلەنچۈكى بولىمەن، ئۇنىڭ ھالىدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئالىمەن» دەيدۇ پېڭ شىن. رەسىمدىكىسى ۋۇخەنلىك قىزچاق ياڭ ليۇ بولۇپ، ئۇنىڭ چىرايىدىن بەخت نۇرى چىقىپ تۇراتتى، ئۇ يولدىشى پېڭ شىنغا يۆلىنىپ تۇراتتى.بۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇق كېسەلخانىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ئون سائەتتىن كېيىن كېلىنچەك ئالەمدىن ئۆتتى.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek