قەشقەر شەھىرىنىڭ 2016 – يىللىق نورۇزلۇق ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى 20 – مارت قەشقەر تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، قەشقەر شەھەرلىك ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى ئەل ئىچى نەغمىچىلەرنىڭ ئورۇنلىغان نومۇرلىرى ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. كېچىلىككە 800 دىن كۆپرەك تاماشىبىن قاتناشتى.كېچىلىك كوللېكتىپ ئۇسسۇل «قەدىمىي بازار» بىلەن باشلاندى، شۇنىڭدىن كېيىن ئورۇنلانغان سەرخىل نومۇرلار زال ئىچى كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قەشقەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، مىللىي پۇراققا ئىگە مىللىي مەدەنىيىتى نامايەن قىلىپ، يۈزلىگەن تاماشىبىن قىزغىن، قاينام تاشقىنلىققا تولغان قايناق ھېسسىياتتا شادىمان ئاز سانلىق مىللەت ناخشا – ئۇسسۇللىرىغا مەسخۇش بولدى، نەق مەيداندا چاۋاك ساداسى ئۈزۈلمىدى.نورۇزلۇق ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى قەشقەر خەلقىنىڭ مول، رەڭدار مىللىي مەدەنىيەت ۋە تىجارەت، سودا مۇھىتىنى نامايەن قىلدى، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، قەشقەرنى زور كۈچ بىلەن تونۇشتۇرۇش، تارىخ ۋە سەنئەت جەھەتتە جاھاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارغا يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدىغان كاتتا يىغىلىش بولدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved