يەر شارى خەۋەر تورى 14-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا ئاساسلىقى چەتئەللىكلەر ياتىدىغان بىر مېھمانخانا قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، چەتئەللىك مېھمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كىشى ئۆلدى، 5 كىشى يارىلاندى. كابۇل ساقچى باشلىقى ئابدۇرراھمان رەھىمى مۇخبىرلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «كولۇلېپوشتو رايۇنىدىكى «Park Palace» مېھمانخانىسىدا ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان، رايۇنغا يىتىپ كەلگەن بىخەتەرلىك قىسملىرى مېھمانخانىدا ھەرىكەت باشلىدى، بارلىق مېھمانخانا دائىرىسى كونترول قىلىندى، بىر قىسىم قىسىم كىشىلەر مىېھمانلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان» دېدى. رەھىمى، بۇ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن كىشىلەردىن بىرى ئامېرىكىلىق، ئىككىسى ھىندىستانلىق ۋە بىرى ئافغانىستانلىق ئىكەن. رەھىمى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مېھمانخانىغا قاراتقان ھەرىكىتىنىڭ 6 سائەت داۋاملاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، « مېھمانخانىغا كىرىش ئېغىزىدا ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىدۇق، قۇراللىق ئېتىشىش مېھمانخانا ئىچىدە يۈز بەردى، قۇراللىق كىشىلەر مېھمانخانىنىڭ ئىچىدە ئىدى» دېدى. رەھىمى قۇراللىق ئۇنسۇرلاردىن بىرىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكنى، تۇتقۇن قىلىنغان 54 كىشىنىڭ ئافغانىستان ساقچىلرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، كابۇل ساقچى باشلىقى ياردەمچىسى سەيىد گۈل ئاغا روھانى، « بۇ ھۇجۇمدا ئۈچ نەپەر قۇراللىق ئۇنسۇر ئۆلتۈرۈلدى، ساقچى تارماقلىرىمىز قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ پارتىلىتىش ھۇجۇمىنى توسۇپ قالدى» دېدى، ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانغا نۇرغۇن ساقچى ماشىنىسى ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يىتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەزكۇر رايۇندا قاتتىق پارتىلاش ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ ھۇجۇمنى تېخىچە بىرەر تەرەپ ئۈستىگە ئالمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved