يېقىندا، خېيى گۇروھى ناملىق باشقۇرۇش، مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى «كەلگۈسىدىكى ئىش ھەققى» ناملىق كۆزلىمە دوكلاتنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق قارالدى: 2016- يىلى يەر شارىدىكى خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيەسى %2.5 ئۆرلەپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، يەر شارى مىقياسىدىكى بىر قەدەر تۆۋەن پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى بۇنىڭغا تۈرتكە بولىدۇ.
سانلىق مەلۇماتتا مۆلچەرلىنىشچە، جۇڭگودىكى خادىملارنىڭ كېلەر يىللىق ئىش ھەققىنىڭ ئەمەلىي ئۆسۈش كۆلىمى %6.3 بولۇپ، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 75 دۆلەت ئىچىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، يەنى چېخ، لىۋان ۋە ۋيېتنامدىنلا كېيىن تۇرىدىكەن. مەزكۇر ئورگاندىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە جۇڭگو ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەش، پاي بازىرى داۋالغۇش ۋە ئېكسپورت ئازىيىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگودىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىدىكىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشقاچقا، ھەمدە ھۈنەرگە پىششىق ئىشچىلارغا بولغان ئېھتىياج ئېشىۋاتقان بولغاچقا، كېلەر يىلى جۇڭگودىكى خادىملارنىڭ ئىش ھەققىنىڭ نامى جەھەتتىكى ئۆسۈش سەۋىيەسى %8 بولىدىكەن، پۇل پاخاللىشىش ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئەمەلىي ئۆسۈش سۈرئىتى %6.3 كە يېتىدىكەن.
جۇڭگونىڭ قوشنىسى بولغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيامۇ ئەمەلىي ئىش ھەققى ئۆسۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان رايون ھېسابلىنىدۇ، شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئىش ھەققىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
يەر شارى بويىچە پۇل پاخاللىق سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ۋېنېسۇئېلا ھېسابلىنىدۇ، 2013- يىلى 4- ئايدىن 2015- يىلى 12- ئايغىچە، بۇ دۆلەت پۇلىنىڭ كۇرسى %97 چۈشۈپ كەتتى. يۇقىرىقى دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشچە، 2016- يىلى ۋېنېسۇئېلادا خادىملارنىڭ ئىش ھەققى نامى جەھەتتىن %70 ئۆسىدىكەن، ئەمما پۇل پاخاللىشىش ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىي ئۆسۈش نىسبىتى مىنۇس %52.6 بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved