شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىمىز

جاڭ چۈنشيەن لى چۈنگۇاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

 


ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 13 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور لى چۈنگۇاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.


جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتىنى پائال قوللاپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايون بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە بىر قاتار ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

 

چارلاپ تەكشۈرۈش، نېفىت ئايرىش، سېتىش، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق ئېچىشتا يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدە تۈرتكىلىك ۋە ئۈلگىلىك رول ئوينىدى.

 


جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭنى تىرىشىپ ئەڭ پاكىز جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىۋاتىمىز، ئىچكىرى ئۆلكە(شەھەر)لەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى، دېڭىز بويىدىكى ئۆلكە(شەھەر)لەرنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەگە بولغان تەلىپى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ. يىراق كەلگۈسىدىن پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بايلىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا ‹‹ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش››تا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سۇ تېجەش، مۇھىت ئاسراش، بۇلغىمىنى ئازايتىش تۈر، تەدبىرلىرىگە يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ قويۇشىمىز كېرەك.


لى چۈنگۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرىنىڭ قوللىشىدا، شىنجاڭدىكى كۆمۈر گازى تۇرۇبا لىنىيەسى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تۈرى ۋە كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى تۈرلەرنىڭ تەستىقلىنىپ، ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

 

كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى داۋاملىق قوللاپ، كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ.
شۆھرەت زاكىر، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، غانىبات سابۇكەي، ليۇ جيەنشىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.



خەتكۈچلەر:
15-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek