پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 بولغاندا ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 8 كۈچلۈك چەك تارتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن بىرلا قالغان گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى ياپونىيە كاشىۋا رېيسول كۇلۇبى بىلەن ئۇچراشتى. خېڭدا كۇلۇبى ئاۋال مېھمان مەيداندا ئاندىن ساھىبخان مەيداندا ئوينايدۇ. 2013-يىلى يەنى گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشكەن يىلى گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى يېرىم ھەل قىلغۇچتىكى ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا 8-1 چوڭ نونۇر پەرقى بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلغانىدى.
تۆت كۈچلۈكنى تالىشىش ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى 26-كۈنى ۋە 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 16-كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاسىيا پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن سەككىز كۈچلۈككە كىرگەن كوماندىلار تۆت كۈچلۈكنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىشتىن بۇرۇن توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا خېڭدا كۇلۇبى ئىككىنچى قېتىملىق ماھىر قوشۇۋېلىش ۋاقتىدىكى ئەھۋالغا ئاساسەن ياكى يارىلىنىش ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن يېڭى توپچىلار تىزىملىكىنى تاپشۇرسا بولىدۇ.
قۇشۇمچە : ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 4 كۈچلۈكنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسى قارشىلاشمىسى : ( ساھىبخان كوماندا ئالدىدا )
كاشىۋا رېيسول vs گۇاڭجۇ خېڭدا.
ئالسىلار vs لاخۋىيا.
تېھران نېفىتى vs ئەل ئەھىل
چۈەنبېي خيۇنداي vs دابان گاڭبا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved