فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 8- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇستەققىل كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 7- يانۋار سەئۇدى ئەرەبسىتان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ يەمەندىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا 10 يىل ئىلگىرى ئامېرىكىدا ياسالغان « كۇنۇسسىمان بومبا »نى تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دوكلاتىدا يەنە CBU-58 بومبىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم بومبىلارمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ خىل بومبا 1978- يىلى ئامېرىكىنىڭ تېننېسسى شىتاتىدىكى بىر ئوق-دورا زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىكەن.
مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: كۇنۇسسىمان بومبا يەمەن پايتەختى سانا ئەتراپىدىكى بىر ئاھالىلەر رايونىغا تاشلانغان، ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىنىڭ ھەممىسى پارتلاشتا ۋەيران بولغان. ئەمما دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل كونا تىپتىكى بومبىلار ئادەتتە ھاۋا ھۇجۇمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پارتلايدىكەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى مۇنداق دېگەن: سەئۇدى ئەرەبسىتان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە يەمەندىكى ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرگە كۆپ قېتىم كۇنۇسسىمان بومبا تاشلىدى، بۇ نۇرغۇن ئاھالىلەرنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ ئۇرۇش جىنايىتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved