ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەرشارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟

        تېلېۋىزور، تور ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئاللىقاچان بىزنى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بوشلۇقتىكى تۇرمۇشى بىلەن تولۇق تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، لېكىن ئۇلارنىڭ يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قانداق قىلىپ ئېغىرلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىمۇ ناھايىتى قىزىقارلىق مەسىلە. ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ 43 ئۇچقۇچىسى يەرشارىغا قايتىپ كەلدى، بىز ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ يەر يۈزىگە قونغانلىقىنى كۆرۈپ قالماستىن يەنە ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ بۇ يەرشارىدىكى مەنزىرە ۋە ئاۋازلارغا قايتا كۆنگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.

       ئىتالىيلىك سامانسا كرىسفورېتى ۋە ئامېرىكىلىق تېررىي ۋىرتس ئىزچىل تۋىتېر ئارقىلىق كەچۈرمىشلىرىنى خاتىرىلىگەن. بىز بۇ ئۇچۇرلاردىن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرەلەيمىز. ئىلگىرى ئۇلار بىزگە ناھايىتى يات لېكىن ئۆزلىرى ئۈچۈن ناھايىتى نورمال ئالەم تۇرمۇشىنى كۆز كۆز قىلغان( قاراڭغۇ ئالەم، نۆل ئېغىرلىق قاتارلىق) ھازىر بولسا ئۇلار بىز ئۈچۈن ناھايىتى نورمال لېكىن ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى ھەيران قالارلىق ئىشلارنى خاتىرلىگەن. (ياڭاقنىڭ تەمى، يامغۇر يېغىش، ئېغىرلىق)


«خيۇستوندىكى ئۆيۈمدە ئورنۇمدىن تۇرغان تۇنجى كۈنى يەرشارىدىكى ئاۋاز، پۇراق، تەمدىن ھۇزۇرلاندىم. بۇ ھېسسىيات ناھايىتى قالتىس، لېكىن ئېغىرلىق كۈچى بەك كۈچلۈك ئىكەن»

« يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېينكى تۇنجى يامغۇر، قارىماققا تاشقى پلانېتا ئادىمىگە ئوخشايدۇ، لېكىن ناھايىتى ياخشى تۇيۇلىدۇ.»

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپىنچىسىدە  ئۇزۇن مەزگىل ئېغىرلىق كۈچى يوق شارائىتتا تۇرغانلىقى ئۈچۈن مۇسكۇللىرى يىگىلەش، سۆڭەكلىرى چۈرۈكلىشىش، ھەمدە غەلىتە كۆرۈش توسالغۇسى قاتارلىق ئەھۋاللار پەيدا بولغان. كرىس خادفىئېل 2013-يىلى يەرشارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن زىيارەت قوبۇل قىلغاندا:« قۇرۇقلۇققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەن ئېغىزىم ۋە تىلىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم، مەن چوقۇم گەپ قىلىش ئۇسۇلىمنى ئۆزگەرتىشىم كېرەك ئىدى» دېگەن.

فىزىئولوگىيلىك ۋە پىسخىكىلىك ئۆزگىرىشلەردىن باشقا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدا يەنە دۇنيا قاراش جەھەتتە ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. ناسانىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئېدۋارد گىبسون :« سىز تۇرمۇشتىكى ھەممە نەرسىنى شۇنچە ئەرزىمەستەك ھېس قىلىسىز، ئىختىيارسىز بۇنى ئالەمدىكى ھەممە نەرسە بىلەن سېلىشتۇرىسىز. نەتىجىدە بۇنىڭ بىلەن سىز تۇرمۇشتىن تېخىمۇ ھۇزۇرلىنىسىز، كۆڭلىڭىز تېخىمۇ تىنچلىنىدۇ »دېگەن.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek