خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 31- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. تۇرالغۇ، شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى 31- ئاۋغۇست بىرلىكتە چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: جامائەت تۇرالغۇ فوندى شەخسىي تۇرالغۇ قەرز سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، جامائەت تۇرالغۇ فوندى ھەققى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 1- يۈرۈش ئۆيى بار ھەم ئۆي سېتىۋالغان ئالغان قەرزنى تۈگەتكەن ئائىلىلەر تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە جامائەت تۇرالغۇ فوندى بىلەن ھاۋالىلىك قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، 1- سېنتەبىردىن باشلاپ ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل نىسبىتى %30 تىن %20 كە تۈۋەنلىتىلىدۇ.
بۇ جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، جايلارنىڭ جامائەت تۇرالغۇ فوندى قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە تۈرتكە بولغان ۋە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ دۆلىتىمىز ئۆي- مۈلۈك كەسپىگە مەبلەغ سېلىشىنى بوشاشتۇرغاندىن كېيىن، 8- ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر ئۆي – مۈلۈك بازىرىغا پايدىلىق سىياسەت.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved