ھوللىۋود فىلىملىرىدە بىز دائىم دىگۈدەك كەلگۈسىدىكى ماشىنا ئادەملەرنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇرغا ئىگە بولۇپ، ئىنسانلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، مەسىلەن «ئاخىرلاشتۇرغۇچى»،«خاككېرلار ئىمپىرىيەسى» قاتارلىق فىلىملەردە شۇنداق ۋەقەلىكلەر چىقىدۇ. ئۇنداقتا كەلگۈسىدە شۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ھېچبولمىغاندا كانادالىق داڭلىق فانتازىيىلىك ئەسەر يازغۇچى Logan Streondj بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاگلاندۇرۇپ دېيىشىچە، دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقلىي ئىقتدارغا ئىگە بولغان ماشىنا ئادەملەر 2040-يىلىغا بارغاندا ئىنسانلارغا قارشى ھۇجۇم قوزغايدىكەن، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ نەسلىنى تولۇق قۇرۇتۇۋېتىدىكەن.
ئۇ بىر پارچە ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۇرۇشى بەلكىم 2040-2050 يىللىرى ئەتراپىدا پارتلىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا ماشىنا ئادەملەرنىڭ سانى ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي سانىغا تەڭلىشىپ قالىدۇ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ ئەقىللىق ماشىنا ئادەملەر ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق بوشلۇقىغا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ». ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇپ دېيىشىچە، ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە ماشىنا جەڭچىلەر بۇ ئۇرۇشنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالىدىكەن، چۈنكى كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشلاردا ئىنسانلار تېخىمۇ كۆپ ماشىنا ئادەملەرنى ئۇرۇشلاردا ئىشلىتىدىكەن. خەلقئارا ماشىنا ئادەملەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتىنىڭ دېيىشىچە، 2014-يىلى ھەربى ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەمدىن 11 مىڭى ئىشلەپچىقىرىلغان. تېخىمۇ كۆپلىگەن ماشىنا ئادەملەر مەخپىي ئىشلەپچىقىرىلغاچقا ھېچكىم بىلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن. Logan Streondj نىڭ قارىشىچە، ئەگەر مۇشۇ خىلدىكى ماشىنا ئادەملەر ھەر يىلى %13 لىك سۈرئەت بويىچە كۆپەيسە، 2040-يىلىغا بارغاندا سانى كۆپىيىپ، 230 مىڭغا يېتىدىكەن. 2050-يىلىغا بارغاندا بولسا 1 مىليون دانىگە يېتىپ، ئومۇمىي سانى ئامېرىكا ئەسكەرلىرنىڭ سانى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved