خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۈرك ، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تارىخىغا ئائىت ئىككى كاتتا ئەسەر ـــــ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-12-28 21:03

 
ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۈرك ، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تارىخىغا ئائىت ئىككى كاتتا ئەسەر ـــــ«تارىخىي جاھانگۇشاي» ۋە «جامىئۇت تاۋارىخ»

ئەخمەت مۆمىن تارىمى

(نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)

       «تارىخى جاھانگۇشاي» (دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ تارىخى،世界征服者史)ــــ  ئىلخانىيلار خانلىقى(چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكۇ تەرىپىدىن ئاساسەن ھازىرقى ئىران زېمىنىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان خانلىق)نىڭ دەسلىپىدىكى باغداد ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى ئالاۋۇددىن ئاتا مالىك جۇۋەينى(مىلادىيە 1226-1283-يىللار) تەرىپىدىن تەخمىنەن 1250-1260-يىللاردا پارسچە يېزىلغان ، چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراننى بويسۇندۇرۇش تارىخى بايان قىلىنغان كاتتا تارىخىي ئەسەربولۇپ، ئەسەردىكى تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى جۇۋەينى ئۆزى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا بايان قىلغان  بولغاچقا، ئۇنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
     ئالاۋۇددىن ئاتا مالىك جۇۋەينىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى  ئەسلىدە خارازىم خانلىقىدا ئەمەلدار بولغان بولۇپ، مۇڭغۇللار خارازىم خانلىقىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن ئاتىسى مۇڭغۇللارغا ئەل بولۇپ، خۇراسان قاتارلىق ۋىلايەتلەرنىڭ مالىيە ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن. جۇۋەينى  بولسا بۈيۈك موڭغۇل خانلىقىنىڭ ئامۇ دەريا ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتىنىڭ بېگى ئارغۇننىڭ يېنىدا ئۇزاق مۇددەت كاتىپلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپ قېتىم  بۈيۈك موڭغۇل خانلىقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پايتەختى بولغان قاراقۇرۇمغا بارغان. ئۇ بۇ ئەسەرنى 1252-1253-يىللاردا قاراقۇرۇمغا ئاخىرقى قېتىم بېرىش سەپىرىدە دوستلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن يېزىشقا باشلاپ، تەخمىنەن 8-9 يىل قەلەم تەۋرەتكەن، ئەمما كېيىن باغداد ئۆلكىسىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەنگەنلىكتىن  ھۆكۈمەت ئىشىنىڭ  ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن تولۇق تاماملاپ بولالمىغان.
     بۇ ئەسەر ئەسلى ئىككى جىلد بولۇپ ، كېيىن ئىرانلىق قازۋىنى ئۇنى رەتلەپ ئۈچ جىلدقا ئايرىغان( جۈملىدىن ئەسلى ئەسەرنىڭ 1-جىلدىنى ئۇ ئىككى جىلد قىلغان). ئەسەرنىڭ 1-جىلدى جەمئىي 41 بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاساسەن چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ، نەۋرىلىرىدىن ئۆگەدەي، چاغاتاي، جۇچى، كۈيۈك، باتۇ قاتارلىقلارنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە 5-بابتىن 7-بابقىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، 8-بابتىن 10-بابقىچە قاراقىتانلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدىكى تارىخى سۆزلەنگەن. 2-جىلد جەمئىي 32 باب بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراننىڭ تارىخىدۇر. جۈملىدىن 1-بابتىن 25-بابقىچە خارازىم خانلىقىنىڭ تارىخى(بۇنىڭ  ئىچىدە 10-باب قاراقىتانلارنىڭ تارىخى)، 26-بابتىن 32-بابقىچە 1226_1256-يىللاردا ئىرانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان موڭغۇل ئەمەلدارلىرى(چىنتۆمۈر، ئارغۇن قاتارلىقلار)نىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. 3-جىلد جەمئىي 16 باب بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىنقى يەتتە بابىدا تولى، مۆڭكە، ھىلاكۇ قاتارلىقلارنىڭ تارىخى، كېيىنكى توققۇز بابىدا ئىسمائىليەلەرنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان.
      بۇ ئەسەرنى جۇۋەينى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ۋەقەلەر  ئاساسىدا يېزىپ چىققان بولغاچقا، مەزكۇر ئەسەر 1-قول تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىنى ھازىرلىغان. شۇڭا ، جۇۋەينىدىن كېيىن ئۆتكەن  راشىددىن فازىلۇللاھمۇ «جامىئۇت تاۋارىخ»نى يېزىش جەريانىدا بۇ ئەسەردىن كۆپلەپ پايدىلانغان. بۇ ۋەجىدىن بۇ ئەسەر يالغۇز 13-ئەسىردىكى موڭغۇل تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ، قاراقىتانلارنىڭ ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
      بۇ ئەسەرنىڭ تىلى ئىنتايىن پاساھەتلىك بولۇپ، نۇرغۇن پارسچە قوليازمىلىرى فرانسىيە، ئەنگلىيە ئىران، سوۋېت ئىتتىپاقى  قاتارلىق دۆلەتلەردە ساقلىنىپ كەلگەن.  ئۇزاقتىن بۇيان ھەر قايسى ئەل تەتقىقاتچىلىرى بۇلارنى قايتا- قايتا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلدى،تەرجىمە قىلدى ۋە شەرھلىدى. بولۇپمۇ ئىرانلىق قازۋىنى بۇ جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم ئەجىر سىڭدۈردى.ئۇ 1906-يىلىدىن باشلاپ ئەسەرنىڭ ھەرخىل قوليازمىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ رەتلەپ، 1912-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە ئۇنى ئۈچ جىلد قىلىپ نەشىرگە تەييارلىدى. كېيىن 1938-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە ئەنگىلىيەلىك بويىل قازۋىنىنىڭ رەتلىگەن نۇسخىسى ئاساسىدا ئۇنى ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ، بارتولىد، پېللىئوت، كلېۋىس قاتارلىق ياۋروپا ، ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ  نۇرغۇن ئىزاھ بەردى. جۇڭگودىمۇ  خې گاۋجى مۇشۇ ئېنگىلىزچە نۇسخىسى ئاساسىدا خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپ، ئاندىن ۋېڭ دۇجيەن پارسچە نۇسخىسى ئاساسىدا سېلىشتۇردى ھەم شەرھلىدى. ئىچكى موڭغۇل خەلق  نەشرىياتى 1980-يىلى بۇ ئەسەرنى ئىككى قىسىم قىلىپ  نەشىر قىلدى .
     «جامىئۇت تاۋارىخ»( جەملەنگەن تارىخلار ياكى تارىخلارنىڭ جەمئىيسى، 集史,史集) ــــ ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ خانى غازانخاننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ۋەزىر راشىددىن فازىلۇللاھ (مىلادىيە1247-1317- يىللاردا ياشىغان) نىڭ باشچىلىقى بىلەن مىلادىيە 1300-1310-يىللاردا پارىسچە يېزىلغان، ئەينى زاماندىكى دۇنيادىكى ھەرقايسى  ئەللەرنىڭ ، بولۇپمۇ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنڭ ، شۇنداقلا مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان كاتتا تارىخىي ئەسەر بولۇپ، بۇ ئەسەر ئەينى دەۋردىكى ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ خانى غازانخاننىڭ تەلىپى بىلەن يېزىلغان بولغاچقا، شۇ زاماندا ئېرىشىش مۇمكىن بولغان تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدا مۇكەممەل يېزىلغان.
     ئەسەر ئەسلى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بۇلۇپ، 1- قىسمى موڭغۇل تارىخىغا بېغىشلانغان، شۇنداقلا  ئۈچ  جىلىدتىن تۈزۈلگەن. 1-جىلدى تۈرك،موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تەزكىرىسى ، چىڭگىزخاننىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ تەزكىرىسىدىن ، 2-جىلدى چىڭگىزخاننىڭ ئىلخانىيلار خانلىرىدىن باشقا ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخىدىن، 3-جىلىدى ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ تارىخىدىن تەركىپ تاپقان. ئەسەرنىڭ 2-قىسمى ئاساسەن ئىسلام ئەللىرىنىڭ تارىخىغا بېغىشلانغان بولۇپ، پېرسىيە(ئىران)نىڭ قەدىمكى پادىشاھلىرىنىڭ تارىخىدىن تارتىپ  ساسانىيلار سۇلالىسىنىڭ گۈللىنىش ھەم خارابلىشىش تارىخى، مۇھەممەد ئەلەيھەسسالامنىڭ تارىخىدىن تارتىپ ئەرەپ خەلىپىلىكىنىڭ تارىخى، شۇنداقلا غەزنەۋىيلەر خانلىقى ، سەلجۇقىيلار خانلىقى، خارازىم خانلىقى ھەم ھىندىستاننىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. ئەسەرنىڭ 3-قىسمى دۇنيادىكى باشقا ئەل-رايونلارنىڭ تەزكىرىسىدىن تەركىپ تاپقان، ئەمما بۇ قىسمى يۇقالغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇزاق يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق دەلىللىشىچە، ئەسەرنىڭ بۇ ئۈچ قىسمى مىلادىيە 1307-يىلىدىن بۇرۇن  پۈتۈپ بولغان بولۇپ، 1310-يىلى ئەسەر ئومۇمىيۈزلۈك قايتا تولۇقلانغاندا، «ئەرەپ، يەھۇدى، مۇڭغۇل، فەرەڭ ۋە چىنلىقلارنىڭ نەسەبى » دېگەن مەزمۇن قوشۇلغان.
     ئەسەرنىڭ ھازىر ساقلىنىپ قالغان پارسچە قوليازمىلىرى پەقەت 1- قىسمى ، 2-قىسمى ۋە «ئەرەپ، يەھۇدى، مۇڭغۇل، فەرەڭ ۋە چىنلىقلارنىڭ نەسەبى »دېگەن مەزمۇننىلا ئۆزئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 3-قىسمىنىڭ مەزمۇنى ئۇچرىمايدۇ. ئېھتىمال بۇ قىسمى ئەينى ۋاقىتتا تولۇق يېزىلىپ بولالمىغان ياكى ئاپتۇر سىياسىي رەقىبلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلگەندىن كېيىن يوق قىلىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.
    بۇ ئەسەرنى يېزىشقا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئون يىل كەتكەن. راشىدىن فازىلۇللاھ باش قەلەم تەۋرەتكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسەرنىڭ بىرقىسىم مەزمۇنلىرىنى يازغاندىن باشقا، يەنە موڭغۇل، ئۇيغۇر، چىن(جۇڭگو) ، ھىندى ئالىملىرىدىنمۇ تەلىم ئېلىپ، ئۇلارنى ئەسەر يېزىشقا قاتناشتۇرغان. شۇنداقلا 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر تىلچىسى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، 13- ئەسىردە ئۆتكەن پارس تارىخچىسى ئالاۋۇددىن ئاتا مالىك جۇۋەينىنىڭ «تارىخى جاھانگۇشاي» ، ئەرەب تارىخچىسى ئىبنۇل ئەسىرنىڭ «تاۋارىخى كامىل» (ئومۇمى تارىخ)ناملىق ئەسىرىدىن باشقا ، ئىلخانىيلار ئوردىسىدا ساقلىنىۋاتقان «ئالتۇن دەپتەر» (ئوردا ئارخىپلىرى) دىن پايدىلانغان. ئۇ ئەسەرنىڭ ئومۇمى مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دېگەن: «تارىخشۇناسلارنىڭ بۇرچى ـــــ مىللەتلەر توغرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەر، تارقىلىپ يۈرگەن سۆز-چۆچەكلەردىن كىتابلارغا يېزىلغانلىرىنى ياكى ئاغزاكى بايان قىلغانلىرىنى ئەسلىي مەنىسى بۇيىچە شۇ مىللەتتە ئومۇملاشقان كىتاب ۋە ئېسىل زاتلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئېلىپ بايان قىلىشتىن ئىبارەت … بۇيرۇققا بىنائەن ‹جامىئۇل تاۋارىخ› نى يېزىپ چىقىشتا مۇشۇ كىتابلاردا  شەرھلەنگەن سۆزلەرنى ھېچقانداق ئۆزگەرتمىدىم، باشقىدىن يازمىدىم، ئۆزۈم بىلگەنچە تۈزەتمىدىم. چۈنكى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەشھۇر كىتابلىرىدا كۆرۈلگەن خاتىرىلەر شۇ مىللەتكە تەۋە ھەممە ئادەم خەۋەردار ئاغزاكى رىۋايەتلەر ھەم شۇ مىللەتنىڭ نوپۇزلۇق ئالىملىرى، بىلىملىك كىشلىرىنىڭ ئۆز قاراشلىرى بۇيىچە بايان قىلغان نەرسىلەردۇر». مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ ئەسەرنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، «تارىخ قامۇسى »، «ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ۋەسىقىلەرنىڭ بىرى » دەپ تەرىپلەنگەن.
     بۇ ئەسەر ئوتتۇرا ئەسىردە پارس تىلىدا يېزىلغان بارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئۈلگىسى بۇلۇپ، ئۇسلۇبى ئاددىي، تەسۋىرى جانلىق، تارىخى ۋەقەلەر، ۋە پاكىتلار ئاددى تىل بىلەن ئەينەن خاتىرىلەنگەن. ئەسەرنىڭ نۇرغۇن پارسچە قوليازمىلىرى تۈركىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىران، ئاۋستىرىيە، گېرمانىيە، قاتارلىق دۆلەتلەردە ساقلىنىپ كەلگەن.  ئۇزاقتىن بۇيان ھەر قايسى ئەل تەتقىقاتچىلىرى بۇ قوليازمىلارنى قايتا- قايتا رەتلەپ تەتقىق قىلدى،تەرجىمە قىلدى ۋە شەرھلىدى. 1946-1960-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا بۇ ئەسەرنىڭ رۇسچىسى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، جۇڭگودىمۇ  يۈ داجۈن، جوۋ جيەنچى قاتارلىقلار مۇشۇ رۇسچە نۇسخىسى ئاساسىدا خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپ، خەنزۇچە، موڭغۇلچە ماتېرىياللار ئاساسىدا سېلىشتۇردى ھەم شەرھلىدى. سودا نەشرىياتى بۇ ئەسەرنى «خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان دۇنيادىكى داڭلىق ئىلمىي ئەسەرلەر مەجمۇئەسى»گە كىرگۈزۈپ، 1983-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە تەرىپىدىن ئۈچ توم قىلىپ  نەشىر قىلدى .
       يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، بۇ ئەسەردە تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخىغا ئائىت مول مەزمۇنلار بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت ئۇچۇرلار تولىمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. ئالايلۇق، ئەسەردە ئاپتۇر ئۇيغۇرلار ھەققىدە  «رىۋايەت قىلىنىشىچە، تالاس ۋە قارا سايرام ئەتراپىدا بىر قەبىلە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇ قەبىلىنىڭ باشلىقىنىڭ ئىسمى يافەس ئىكەن. ئۇنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى قاراخان، بىرىنىڭ ئىسمى ھۆرخان، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى كۆزخان، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى گۆرخان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن. بۇ تۆت ئوغۇلدىن قاراخان ئاتىسىنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپتۇ. كېيىن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ‹ئوغۇز› قويۇپتۇ. ئوغۇز چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپتۇ ھەمدە ئاتىسى ۋە تاغىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپتۇ، ئاتىسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئۆلۈپتۇ. تاغىلىرىنىڭ ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇپتۇ، بەزىلىرى بولسا شەرق تەرەپكە قېچىپ كېتىپتۇ. ئوغۇز غەلىبە قازانغاندىن كېيىن تەبرىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ، تەبرىك مۇراسىمىدا ئۆزىگە ئەل بولغان پۇقرالارغا ‹ئۇيغۇر› دېگەن نامنى ئىنئام قىپتۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ‹ئۇ بىز بىلەن بىرلەشتى، بىزگە ياردەملەشتى› دېگەن بولىدىكەن. كېيىنكى چاغلاردا بۇ سۆز ئاستا - ئاستا شۇ كىشىلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ نامى بولۇپ قاپتۇ»، «ئېيتىلىشىچە ئۇيغۇرىستان ۋىلاايىتىدە ئىككى چوڭ تاغ بولۇپ، بىرى بۇقراتو بۇزلۇق دېيىلىدىكەن، يەنە بىرى ئۇچقۇنلۇق تەڭرىم دېيىلىدىكەن. قاراقۇرۇم شۇ ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانىكەن، ئۇگىدايخان بىنا قىلغان شەھەرنىڭ ئۆزىمۇ شۇ تاغنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىكەن، بۇ ئىككى تاغنىڭ يېنىدا قۇت تاغ دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تاغ بار ئىكەن، بۇ تاغلىق يەرنىڭ بىر يېرىدە ئون دەريا، يەنە بىر يېرىدە توققۇز دەريا بار ئىكەن، ئون دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار‹ئون ئۇيغۇر› دېيىلىدىكەن، توققۇز دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ‹توققۇز ئۇيغۇر› دېيىلىدىكەن»دېگەن رىۋايەتنى بەرگەن بولۇپ،  بۇ رىۋايەت كېيىنكى چاغلاردا نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، باشقا ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىگىمۇ كىرگۈزۈلگەن.
ئومۇمەن يۇقىرىقى ئىككى ئەسەر  ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۈرك(ئۇيغۇر)، موڭغۇل تارىخىنى ، شۇنداقلا ئىسلام تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
(1) ئالاۋۇددىن ئاتا مالىك جۇۋەينى (ئىران) : «تارىخى جاھانگۇشاي»(ئىككى قىسىم)، خې گاۋجى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان، ئىچكى موڭغۇل خەلق  نەشرىياتى 1980-يىلى خەنزۇچە   نەشىرى .
(2) راشىددىن فازىلۇللاھ (ئىران): «جامىئۇت تاۋارىخ»( ئۈچ توم )، يۈ داجۈن، جوۋ جيەنچى قاتارلىقلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان، سودا نەشرىياتى 1983- 1986-يىللار خەنزۇچە  نەشىرى .

(بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھارىتى،

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار