خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئەكس ئەتكەن تارىخىي مەلۇماتلار

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-12-28 20:52

 
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئەكس ئەتكەن تارىخىي مەلۇماتلار
ئەخمەت مۆمىن تارىمى
(نەنجىڭ ئۇنىۋېرستېتى تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئەكس ئەتكەن تارىخىي مەلۇماتلار


     يۈسۈپ خاس ھاجىپ قارا خانىلار خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ ۋە شائىر بولۇپ، قارا خانىلار خانلىقىنىڭ يەنە بىر پايتەختى  بالاساغۇن شەھىرىدە بىر باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىنى بالاساغۇن شەھرىدە ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى يېتىلىش جەريانى ۋە قانداق بىلىم ئالغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ ئەسىرى ئارقىلىق شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىزگە بولىدۇكى، ئۇ ياش ۋاقتىدا ئوبدان تەربىيە كۆرگەن، ئالىي پەزىلەتلىك، ئىمان-ئېتقادلىق كىشى، مول بىلىملىك ، چوڭقۇر پىكىرلىك، ئەقىل-پاراسەتتە كامالەت تاپقان ئالىم بولۇپ، ئەينى دەۋر تۈركىي تىللىرىنى پىششىق بىلىپلا قالماي يەنە ئەرەب، پارىس تىللىرىنىمۇ ، شۇنداقلا سوغدى تىلىنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن،
     يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان دەۋردىن ئالغاندا ، بۇ مەزگىلدە قاراخانىيلار خانلىقىدا مەركەزلەشكەن ھاكىمىيەتنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىپادىلىگۈچى تارىخىي ھادىسىلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، يۈسۈپ قادىرخان ئەھمەد تۇغانخاننى قەشقەردىن ھەيدىۋەتكەندىن كېيىن كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئەلى نەسەبىدىكلەر بىلەن ھەسەن نەسەبىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى  كەسكىنلىشىپ، ھىجىرىيە 433- يىلى (مىلادىيە 1041-1042- يىللار) ھەسەن نەسەبىدىكىلەردىن ناسىر ئىلىكخاننىڭ ئوغلى ئەلى تېكىننىڭ ئۆزىنى تابغاچ بۇغراخان دەپ ئاتىشى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقى شەرقىي قارا خانىلار ۋە غەربىي قارا خانىلار ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. غەربىي قاراخانىيلار خانلىقىدا ئىبىراھىم (ئەلى تېكىن) دەۋرىدىن باشلاپ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە خېلى يۈكسىلىشلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما دەھرىي ھۆكۈمرانلار بىلەن دىنىي قاتلامدىكىلەرنىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي ھوقۇق جەھەتتىكى زىدىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپلىشىپ، توقۇنۇش ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەن. شۇڭا ئەلى تېكىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە يارلىق چۈشۈرۈپ داڭلىق شەيخ ــــــ ئىمام ئوبۇل ھاشىم سەمەرقەندىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. مىلادىيە 1068- يىلى ئەلى تېكىن قازا قىلىپ چوڭ ئوغلى ناسىر تەختكە چىققان مەزگىلدە ، ئۇنىڭ ئىنىسى ئاكىسىغا قارشى چىقىپ ئۇرۇش قوزغىغان، ئۇرۇشتا ناسىر غەلبە قىلغان بولسىمۇ، بۇ مەزگىلدە ھاكىمىيەت  ئۈستىدىكىلەر بىلەن دىنىي قاتلامدىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش يەنىلا كەسكىنلەشكەن. بەزى يۇقىرى تەبىقىدىكى دىندارلار دىنىي قائىدىلەر بىلەن ئۇنى چەكلىمەكچى بولغان. مىلادىيە 1069- يىلى ناسىر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بۇخارالىق ئىمام ئەبۇ ئىبىراھىم ئىسمائىلنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. بۇ مەزگىلدە سالجۇقىيلار خانلىقى غەربىي قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى دىنىي قاتلامدىكىلەرنى ھىمايە قىلىپ ماۋرا ئۇننەھىر رايونىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ جەرياندا سەمەرقەنددىكى دىنىي قاتلامدىكىلەر سالجۇقىلار سۇلتانى مەلىكشاھنى قوللاپ غەربىي قاراخانىيلار خانلىقىغا خائىنلىق قىلغان. 1089- يىلى مەلىكشاھ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇخارا بىلەن سەمەرقەندنى بېسىۋالغان. ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن غەربىي قاراخانىيلار خانلىقى كۈندىن-كۈنگە زەئىپلىشىپ سالجۇقىيلار خانلىقىنىڭ قورچىقىغا ئايلىنىپ قالغان.
      شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقى تەۋەسىدە بولسا يۈسۈپ قادىرخاندىن كېيىن كۆپ قېتىم خان ئالماشقان بولۇپ، جەمئىيەت خېلىلا داۋالغۇش ئىچىدە تۇرغان. يۈسۈپ قادىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى بۇغرا تېكىن سۇلايمان ئارسلانخان (1032 - 1057- يىللار تەخىتتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە خانلىق تېررىتورىيىسىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ دىنىي ئېتقادىمۇ ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، ئىبنى ئاتھىرىنىڭ «تارىخىي ئومۇمىيە» دە خاتىرىلىشىچە: مىلادىيە 1043- يىلى 9 -، 10- ئايلاردا 10 مىڭ چېدىرلىق تۈرك كۆچمەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. ئۇلار ئىلگىرى بالاساغۇن ۋە قەشقەرنىڭ چېتىدىكى مۇسۇلمان شەھەرلىرىگە كېچىلىرى بېسىپ كىرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، كىشىلەرگە ئارام بەرمىگەنىكەن. ئۇلار قۇربان ھېيت كۈنى 20 مىڭ قوي ئەكىلىپ قۇربانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى تۈگىگەن. ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلارغا تارقىتىۋېتىلگەن.    دېمەك، شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقىدىمۇ دىنىي ئېتقاد جەھەتتىكى زىددىيەتلەر ھەمدە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى خانلارنىڭ كۆپ قېتىم ئالمىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىچكى نىزالار سەۋەبىدىن خانلىق نورمال تەرتىپ ۋە قانۇن ئىزىدىن چەتنىگەن. ئىدىراكنىڭ ئورنىنى ئەسەبىيلىك، قانۇننىڭ ئورنىنى قاراملىق باسقان.
       يۇقىرىقىدەك ئەھۋال بالاساغۇنغا مەركەزلەشكەن بىرمۇنچە ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇپ، ئۇلارنى قەشقەر شەھىرىگە كېلىشكە مەجبۇر قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چاغدا شەرقىي قاراخانىيلار خانى تاۋغاچ بۇغراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بالاساغۇندىكى نۇرغۇن ئالىملارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن كەڭ شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ دەل ئەنە شۇنداق شارائىتتا بالاساغۇندىن قەشقەرگە بارغان بولسا كېرەك(1).
      مەشھۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھاياتىدا قاراخانىيلارنىڭ ئىنتايىن گۈللەنگەن دەۋرىنى ۋە كېيىن بىر مەزگىل زەئىپلەشكەن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن. شۇڭا ئۇ جەمئىيەتنى تۈزەش، ئىسلاھ قىلىش، باياشات، گۈزەل، ئىناق بىر جەمئىيەت قۇرۇش ئىستېگىدە كۆپ ئويلىنىپ، نۇرغۇن خام ماتېرىيال توپلاپ، يۇقىرىدا خانلاردىن تارتىپ تۆۋەندە پۇقرالارغىچە ماس كېلىدىغان ، ھەم رېئاللىققا ئۇيغۇن بولغان، ھەم يۈكسەك غايىۋى پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نادىر ئەسەر«قۇتادغۇبىلىك» نى يېزىپ چىققان . ئۇ ئۆز ئەسىرىنى بالاساغۇندىكى ۋاقتىدىلا يېزىشقا باشلىغان بولۇپ،  تەخمىنەن مىلادىيە 1069 - 1070- يىللىرى قەشقەردە يېزىپ تاماملىغان. كېيىن بۇ كاتتا ئەسىرىنى شەرقىي قاراخانىيلار خانى تاۋغاچ بۇغراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. ئەبۇ ئەلى ھەسەن بۇغراخان بۇ كىتابنىڭ قەدىر-قىممىتىگە يېتىپ، مۇئەللىپنىڭ بىلىم ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا «خاس ھاجىپ» دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن ھەمدە ئۇنى ئۆزىگە ياردەمچى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئالىمنىڭ كېيىنكى ھاياتى قەشقەردە ئۆتكەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنى تاماملىغان ۋە ئوردىدا «خاس ھاجىپ» بولغان يىللاردىن قارىغاندا،  بۇ ئۇنىڭ ئۆز سۆزى بويىچە «چېچەكلىرى خازان بولغان، قېيىندەك (قاتتىق)، ئوقتەك تۈز قەددى يادەك ئىگىلگەن، قۇندۇزدەك قارا چاچلىرى ئاققۇدەك ئاقارغان» مەزگىلى،  يەنى «ئارىف» لىق دەرىجىسىگە يەتكەن مەزگىلى ئىدى(2). شۇڭا ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ياراتقان «قۇتادغۇبىلىك» داستانى مەيلى ھەجىمنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى جەھەتتىن بولسۇن ياكى تىلىنىڭ گۈزەللىكى جەھەتتىن بولسۇن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى يەنە بىر يېڭى يۈكسەك پەللىسىنى نامايىش قىلغان.
      بۇ ئەسەر جەمئىي 58 باب، 13290 مىسرا، ئىككى مۇقەددىمە ۋە ئۈچ قوشۇمچە باياندىن تەركىب تاپقان. ئالدىنقى 11 بابىدا ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، تۆت ساھابىگە ۋە ئۇلۇغ بۇغرا خانغا ئوقۇلغان مەدھىيەلەر، بىلىم، تىل ۋە پەزىلەت ھەققىدىكى بايانلار ھەم مۇئەللىپنىڭ بايانى، كىتابنىڭ نامى ۋە مەنىسى ھەققىدىكى بايانلار بېرىلگەن. 12 - بابىدىن باشلاپ مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن ئىدىيەسىنى ئادالەت سىمۋولى كۈنتۇغدى (ھۆكۈمدار)، بەخت - سائادەت سىمۋولى ئايتولدى (ۋەزىر)، ئەقىل - پاراسەت سىمۋولى ئۆگدۈلمىش(ۋەزىرنىڭ ئوغلى)، قانائەت سىمۋولى ئۇدغۇرمىش (زاھىت) ئارىسىدىكى دىرامىلىق سۆھبەتكە سىڭدۈرۈپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى قانۇن، بىلىم ۋە ئەخلاق - پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى غايىۋى قاراشلىرىنى بايان قىلغان(3).
      داستاندىكى ئاساسىي ۋەقەلىك مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
      ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ سىموۋۇلى بولغان ” كۈن تۇغدى “ ناملىق بىر شاھ بولۇپ، ئۇنىڭ ئادىللىق شۆھرىتى جاھانغا پۇر كېتىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ” ئايتۇلدى “ ناملىق ئالىم شاھ بىلەن ئۇچىرىشىدۇ. كۈن تۇغدى پادىشاھ ئۇنىڭ بىلەن قايتا – قايتا سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئالىي پەزىلەتلىرىگە قايىل بولۇپ، ئۇنى ۋەزىرلىككە تەيىنلەيدۇ. كېيىن ئايتۇلدى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. ئۇ ئولۇش ئالدىدا ئۆز ئۆمىرىنىڭ بىھۇدە ئوتۇپ كەتكەنلىكىگە چۇڭقۇر ئېچىنىدۇ، ئوغلى ئۆگدۈلمىش ( دانىشمەن ) گە ۋەسىيەت قىلىدۇ ھەمىدە ئۇنى پادىشاھقا تونۇشتۇرۇپ مەكتۇپ يېزىپ بېرىدۇ- دە ، ئالەمدىن ئوتىدۇ.
ئۆگدۈلمىش شاھنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئاتىسىنىڭ خىزمىتىگە ۋارسلىق قىلىشقا باشلايدۇ ۋە شاھنىڭ زور ئىشەنچىسىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. بىر كۈنى دانىشمەن ۋەزىر  ئۆگدۈلمىش بىلەن شاھ كۈن تۇغدى  سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئۆگدۈلمىش  ئۆزىدىنمۇ ئەقىللىغراق ۋە بىلىملىك بولغان ئۇدغۇرمىش ( سەزگۈر ) ناملىق  بىر كىشىنىڭ بارلىغىنى كۈن تۇغدىغا ئېيتىدۇ. ۋاھالەنكى سەۋرى – تاقەت ھەم قانائەتنىڭ سىموۋۇلى بولغان ئۇدغۇرمىش تاغ ۋە ئورمانلار ئارىسىدا تەنھا ئىستىقامەت قىلىپ، تېنىچ ھەم خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشنى خالايدىغان كىشى بولغاچقا، شاھنىڭ ئۈچ قېتىم تەكلىپنامە يازغانلىقىغا قارىماي، قانائەتنى ھەممىدىن ئەۋزەل بىلىپ، ئوردىغا كىلىپ خىزمەت قىلىشىتىن باش تارتىدۇ ۋە ئۆزرە بايان قىلىپ شاھقا مەكتۇپ يازىدۇ. شاھ كۈن تۇغدى ئۇدغۇرمىشنىڭ ئوردا خىزمىتىگە كىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆگدۈلمىشنى قايتا – قايتا ئەۋەتىدۇ. ئىككى ئوتتۇرىدا كەسكىن مۇنازىرە بولىدۇ. بۇ مۇنازىرىلەر كەڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە بولىدۇ. ئۇدغۇرمىش ھەر قېتىمقى سۆھبىتىدە ئەلنى ياخشى كۈنگە ئىرىشتۇرۇش، خەلققە بەخىت – سائادەت كەلتۇرۇش لازىملىغىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
مۇشۇ ۋەقەلەر داۋامىدا ئۆگدۈلمىش قېرىيدۇ. ئوتكەن كۈنلەرگە ھەسرەت چېكىپ، ئۇدغۇرمىشكە ئوخشاش تەنھا ئىستىقامەت قىلماقچى بولىدۇ. ئۇدغۇرمىش ئۇنىڭ بۇ پىكىرىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئوردىدا خەلق ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت قىلىشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ. ئۆگدۈلمىش بۇ پىكىرگە قولاق سېلىپ قايتا ئىشقا كىرىشىدۇ . بىراق، شۇ ئارىدا ئۇدغۇرمىش كېسەل بولۇپ قالىدۇ. ئۆگدۈلمىش يۇقلاپ كەلگىنىدە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بىر چۈش كۆرگەنلىكىنى، چۈشىدە ئەللىك ۋاخىنىلىق ئىگىز شوتىدا تۇرغان پالۋان سۇنغان بىر قاچا سۇنى گۈپپىدە ئىچىۋەتكەندىن كېيىن، ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۆگدۈلمىش ئۇنىڭ بۇ چۈشىنى ئۆرۈپ، بۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنىڭ بەلگۈسى، دەپ تەبىر بېرىدۇ. ئەمما ئۇدغۇرمىش ئۇنىڭغا ئىشەنمەي،  ”بۇ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىغانلىغىمنىڭ بەلگۈسى “ دەيدۇ، دەرۋەقە ئۇزاق ئوتمەي ئۇدغۇرمىش كېسەلدىن ساقىيالماي ئالەمدىن ئوتىدۇ(4).
       ئومۇمەن «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئەسەر مەزمۇن، ئۇسلۇب جەھەتتىن يالغۇز ئەدەبىي ئەسەر بولۇپلا قالماي، بەلكى پەلسەپە ھەم تارىخ ئەسىرى بولۇپ، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ روشەن ئىنكاسى ۋە ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسەردە ئەكىس ئەتكەن تارىخىي مەلۇماتلارنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
       بىرىنچى، ئەسەردە خان، ۋەزىر، تېگىن، سۇباشى، غەزىنىچى، يالۋاچ، بەگ، يابغۇ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەمەل ناملىرى خاتىرىلىنىش بىلەن بىللە يەنە ئۇلارنىڭ دەرىجىسى، ۋەزىپىسى ۋە لاياقىتى توغرىسىدىمۇ نۇرغۇن تەرىپلەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇلاردىن قاراخانىيلار خانلىقىدىكى مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ھاكىمىيەت سېستىمىسىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىۋېلىش بىلەن بىللە يەنە ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، جۈملىدىن ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ۋارسلىق مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. يۇقىرىقى ئەمەل-مەنسەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى كۆكتۈرك خانلىقىغا  ۋە ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا مەنسۇپ مەڭگۈ تاشلاردا ، شۇنداقلا «جۇنامە» (《周书》)، «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» (《北史》)، «سۈينامە» (《隋书》)،  «كونا تاڭنامە »(《旧唐书》) ، «يېڭى تاڭنامە» (《新唐书》)، «قانۇنلار  قامۇسى»  (《通典》) قاتارلىق خەنزۇچە تارىخنامىلەرنىڭ «تۈركلەر تەزكىرىسى»، «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دىمۇ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇلاردا قاغان، قاتۇن، تەگىن، بۇيرۇق، شاد،  يابغۇ (ۋەلىئەھد يابغۇ، ئوڭ، سول يابغۇ نامىدا ئۇچرايدۇ)، ئېلتەبىر (ئۇلۇغ ئېلتەبىر، ئالپ ئېلتەبىر نامىدا ئۇچرايدۇ)، سانغۇن (ئۇلۇغ سانغۇن نامىدا ئۇچرايدۇ)، قۇنچۇي(مەلىكە)، ئايماق بېگى، ئەمىرلەشكەر، دورغاپ، ئاپا (قوشۇن قوماندانى)، تامغاچى (مۆھۈردار)، يالۋاچ (ئەلچى)، ئايغۇچى (مەسلىھەتچى، ئۇستاز)، باغا، چۇر (ھەربىي سەركەردە)، چابىش(لەشكەر باشلىقى)، ئىدىقۇت، تىركىش (خەۋەرچى، كارۋان)، تارقان، ئىشبارا، ئىنانچۇ(خەزىنە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار)، بەش مىڭبېشى، مىڭبېشى، توققۇز يۈز بېشى، بەش يۈز بېشى، يۈزبېشى، تۇيقان (بارگاھ بېشى)، تورغاق بېشى(مۇھاپىزەتچى سەركەردە)، بۇيلا قاتارلىق نۇرغۇن ئەمەل - مەنسەپ ناملىرى خاتىرىلەنگەن(5). يۇقىرىقىلاردىن قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىق تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
      ئىككىنچى، ئەسەردە قاراخانىيلار خانلىقى تەۋەسىدىكى قارلۇق، ياغما قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى خاتىرىلىنىش بىلەن بىللە يەنە ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بەگلىرى ھەققىدىكى تەرىپ – سىپاتلارمۇ بېرىلگەن بولۇپ، بۇلاردىن بۇ قەبىلىلەرنىڭ خانلىقتىكى ئورنىنى چۈشىنىۋالغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى مۇھىم ھەم غوللۇق قەبىلىلەردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قارلۇقلار دەسلەپتە ئالتاي تېغىنىڭ غەربىدە ياشىغان بولۇپ، 744-يىلى باسمىللار بىلەن بىللە  ئۇيغۇرلارنىڭ كۆكتۈرك خانلىقىنى ئاغدۇرۇشىغا ھەمدەم بولغان. ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىيىشىدىن قارلۇقلار زور بېسىمغا ئۇچراپ تەدرىجى تەڭرىتاغنىڭ غەربىگە كۆچكەن، بىراق باشتىن ئاخىر تەڭرىتاغنىڭ شەرقىدىن تولۇق ئايرىلىپ كەتمىگەن. كېيىن ئۇلار تەدرىجى كۈچىيىپ ، ئورقۇن ئۇيغۇرلىرى غەربكە كۆچكەن مەزگىلدە تەڭرىتاغنىڭ غەربىدىكى رايونلارنى كونتىرول قىلىپ تۇرغان(6).ئەھۋالدىن قارىغاندا، غەربكە كۆچكەن ئورقۇن ئۇيغۇرلىرى دەسلەپتىلا قارلۇقلار بىلەن بىرلەشكەن، مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرى قاراخانىلار خانلىقىدا بولغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان بولسا كېرەك.
       ئۈچىنچى، ئەسەردە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىگە، جۈملىدىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول ھۇنەرۋەنچىلىك، سودا، باج – سېلىقىغا دائىر نۇرغۇنلىغان مەلۇماتلار، شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان بايانلار بېرىلگەن بولۇپ، بۇلاردىن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى، خانلىق تېرىتورىيىسىدىكى ھەرقايسى جايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت، خانلىق تەۋەسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تىرىكچىلىك يۇلى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچىگە كەلگىلى بولىدۇ.
        تۆتىنچى، ئەسەردە يەنە مول تارىخىي قاراشلار، جۈملىدىن ئالەمنىڭ يارىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ھۆكۈمدارلارنىڭ خەلقپەرۋەر بولۇشى، تارىخنى ئەينەك قىلىشى،ئەدلى- ئادالەت بىلەن ئەلنى باشقۇرۇشى ھەققىدىكى قاراشلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلاردىن مۇئەللىپنىڭ تارىخ قارىشىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.   
      ئەسەردە ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەركىزى ئىدىيە ـــ ھاكىمىيەتنى قانداق تۇتۇش ۋە دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇش مەسىلىسى بولۇپ، يۇسۇپ خاس ھاجىپ داستاندا مۇشۇ مەركىزىي ئىدىيىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئادىل ۋە توغرا قانۇن، سىياسەت ، ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى تۇرغۇزۇپ دۆلەت ھاكىميىتىنى ئىدارە قىلىش، جەمئىيەتتكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش، تەرتىپكە سېلىش، مۇستەھكەملەش ھەم شۇ ئارقىلىق « تۆرۈ» ( قانۇن ) بىلەن « قۇت»نىڭ بىرىكىشىدىن بارلىققا كېلىدىغان « غايىۋى جەمئىيەت» قۇرۇش ئىدىيىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن.ئۇنىڭ سىياسىي ھاكىميەت چۈشەنچىسى قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىكى « تۆرۈ» چۈشەنچىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، « تۆرۈ» قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا قانۇن ھۆكۈملىرىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئومۇمىي ئاتىلىشى ئىدى. « قۇتادغۇبىلىك » تە « تۆرۈ» ھەم قانۇن، ھەم ھۆكۈمدارغا ۋەكىللىك قىلغان.

پايدىلانمىلار:
(1) ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: « شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» ،مىللەتلەر نەشرىياتى 1991 – يىلى 11 – ئاي ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.
(2) (3) (4) يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«قۇتادغۇبىلىك»،مىللەتلەر نەشرىياتى1984-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(5) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: «ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىلى 11-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى، 166-167-بەتلەر.
(6)华涛:《西域历史研究(八至十世纪)》,上海古籍出版社,2000年,第4、14、71页。


(ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالە مېنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2014-يىلى 3-ئايدا نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىق تارىخىدىن بايان»ناملىق كىتابىمدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى كېڭەيتىش ئاساسىدا تەييارلاندى)
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھارىتى،

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار