شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى سان-فىرانسىسكو شەھىرىگە جايلاشقان تارماق دۇكىنى رەسمىي تىجارەت باشلاپ، شۇ كۈنلۈك سېتىلىش سوممىسى 3500 دوللار بولۇپ، يەرلىك خەلق ئاشخانىغا كېلىپ سۈرەت تارتقاچ شىنجاڭ نازۇ-نېمەتلىرىدىن بەھرىلەنگەن.
ھەرەمباغنىڭ باش دىرېكتورى قەيسەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىدىكى تارماق دۇكاندا ئاساسلىقى پولۇ، لەغمەن، قورۇما چۆپ، چۆچۈرە، كاۋاپ، سامسا، پېتىر مانتا، چوڭ تەخسىلىك توخۇ قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئامېرىكىلىقلار پولۇ ۋە لەغمەننى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ يەيدىكەن.
ھەرەمباغنىڭ كېلەر يىلقى پىلانىدا ئامېرىكىدا 10 تارماق دۇكان ئېچىش، 2017-يىلىغا بارغاندا جەمئىي 30 غا يەتكۈزۈشنى پىلانلاپتۇ، ئارىسىدا كۆلىمى 1000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشقان ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر تاماقخانا ئېچىپ، ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى ئامېرىكىدا نامايان قىلىپ، ناخشا-مۇزىكىلىق تاماقخانا قۇرۇپ چىقماقچى ئىكەن.