مەركىزىي بانكا 12-نويابىر 2015-يىللىق نەشردىكى 5-يۈرۈش 100 يۈەنلىك قەغەز پۇل تارقىتىشنى قارار قىلدى
مۇھەممەد تۇراپ
جۇڭگو خەلق بانكىسى 2015-يىلى 12-نويابىر 2015-يىللىق نەشردىكى 5-يۈرۈش 100 يۈەنلىك قەغەز پۇل تارقىتىشنى قارار قىلدى.
پۇل يۈزىنىڭ ئالاھىدىلىكى
2015-يىلىق نەشردىكى 5-يۈرۈش 100 يۈەنلىك قەغەز خەلق پۇلىدا 2005-يىلىق نەشردىكى 100 يۈەنلىك قەغەز پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ساقلاپ قېلىنغان.قەغەز پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىگە ئاساسىي سۈرەت، ئاساسىي رەڭ، جوڭگو خەلق بانكىسىنىڭ نامى، دۆلەت گىربى، ئەمالار يېزىقى ۋە خەنزۇچە پىنيىنلىق بانكا نامى، ئاز سانلىق مىللەت قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتمەسلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، قىسمەن سۈرەتلەر مۇۋاپىق تەڭشىلىپ، ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇسۇسىيىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىدىكى سۈرەتلەر
پۇل يۈزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا نۇردا ئۆزگىرىدىغان ‹‹100›› دېگەن رەقەم قۇشۇلغان. ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا گۈل بەرگىنىڭ سۈرىتى سۆسۈن رەڭگە تەڭشەلگەن.تۆۋەنكى بۇرجىكىدىكى نۇردا باسما مېيىغا ئۆزگىرىدىغان رەقەم يېپىشقاق باسما سۈرىتىگە تەڭشەلگەن، ئۇنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە قوش رەڭلىك توغرىسىغا نومۇر چۈشۈرۈلگەن؛ ئوڭ يۈزىدىكى ئاساسلىق مەنزىرە سۈرەتنىڭ ئوڭ تەرىپىگە نۇردا ئۆزگىرىدىغان تەشمە نەقىش بىخەتەرلىك سىمى ۋە تىك نومۇر كۆپەيتىلگەن؛ ئوڭ تەرىپىنىڭ يۇقىرى بۇرجىكىدىكى سومما رەقىمى توغرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن تىك ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە رەقەمنىڭ ئەندىزىسى تەڭشەلگەن.
پۇلنىڭ تەتۈر يۈزىدىكى سۈرەت
پۇل يۈزىدىكى يىلنامە 2015-يىلىغا ئۆزگەرتىلگەن؛ ئوڭ تەرىپىدىكى ماگنىتلىق بىخەتەرلىك سىمى ۋە ئوڭ تەرەپنىڭ تۆۋەن بۇرجىكىدىكى نۇسخىلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۈرىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان؛ سومما رەقىمىنىڭ ئەندىزىسى، پۇل يۈزىدىكى قىسمەن نەقىشلىك سۈرەتلەر ۋە يېپىشقاق بېسىلىدىغان سۈرەت ۋە ئۇنىڭ ئورنى تەڭشەلگەن. 2015-يىللىق نەشردىكى 5-يۈرۈش 100 يۈەنلىك قەغەز پۇل تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئوخشاش سوممىدىكى ئوبوروت قىلىنىۋاتقان خەلق پۇلى بىلەن تەڭ قىمەتتە ئوبوروت قىلىنىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]