1. ATM (ئاپتوكاسسا)دا ھېسابات تەكشۈرگەندە ياكى پۇل ئالغاندا، ATM ئۈستىدە ئارتۇق ئۈسكۈنە ياكى كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ بار – يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش؛ مەخپىي نومۇر كىرگۈزگەندە ئامال بار تېز بېسىش شۇنداقلا توسۇۋېلىش كېرەك؛ باشقىلارنىڭ خالىسانە ياردىمىنى قوبۇل قىلماسلىق، باشقىلار دىققىتىنى چاچقاندا، ئۆزىنىڭ كارتىسىغا كۆز – قۇلاق بولۇپ، ئالدامچىلارنىڭ دىققەتسىزلىكتىن پايدىلىنىپ كارتىنى ئالماشتۇرۇۋېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك؛ بانكا خادىملىرى ئادەتتە ھەرگىز مەخپىي نومۇرنى سورىمايدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
2. باشقىلارغا مەخپىي نومۇرنى دەپ بەرمەسلىك، مەخپىي نومۇر بېكىتكەندە ئاددىي سانلار قاتارى (مەسىلەن: 888888 دېگەندەك) ۋە ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مەخپىي نومۇر قىلىپ بېكىتمەسلىك كېرەك. كارتا سۈرتۈپ كىرىدىغان بانكىلارغا ئادەتتە مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش ھاجەتسىز، شۇڭا بۇنىڭغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
3. ATMدىن تالون چىقارغاندا، تاشلىۋەتمەسلىك، چوقۇم ياخشى ساقلاش ياكى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
4. ATMدا مەشغۇلات قىلغاندا، كارتىنى يۈتۈۋالىدىغان ياكى پۇل چىقماسلىقتەك ئەھۋالغا يولۇققاندا، دەرھال بانكا مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ ياردەم سوراش كېرەك.
5. بانكا ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشلارنى ئېنىق ئايرىش، ئابۇنىچىلارنىڭ ھېساباتىدىكى پۇللىرىنىڭ بەلگىلەنگەن ھېسابات نومۇرىغا يۆتكەش ئۇقتۇرۇشىغا ئىشەنمەسلىك، بۇنداق ئۇقتۇرۇشلارنى تاپشۇرۇۋالغاندا دەرھال بانكا ۋە ج خ ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلىش كېرەك.
6. بانكا كارتىسىدىكى قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىقىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. گۇمانلىق ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدىراپ كەتمەي ئېنىقلاش، گۇمانلىق نۇقتا بولسا بانكا مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈش، كەلگەن ئۇچۇردىكى تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلماسلىق، ئالدامچىلارنىڭ كارتىدىكى پۇلنى ئېلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]