سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىسىتىرى مياۋيۈ 24-دېكابىر، 2016-يىلى سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ ئۈچ تورنىڭ بىرلىشىپ كېڭەيتىش لايىھەسىنى تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى، 5Gتېخنىكىسى سىنىقى ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان گۇۋاھنامە تارقىتىش ئالدىدىكى تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا ئۆلچەمنى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
2016-يىللىق مەملىكەتلىك سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، مىنىستىر مياۋ يۈ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ 2016-يىلى بارلىق رايون تەسىس قىلغان شەھەرلەرنى ئوپتىك تالالىق تور بىلەن پۈتۈن قاپلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، 20مېگابايتتىن يۇقىرى تېز سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغ تورى ئابونتلىرىنىڭ نىسبىتىنى %50تىن ئاشۇرىدىغانلىقىنى، 4Gئابونتلىرىنىڭ 600مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى، غوللۇق تور ئالاقە كەڭ بەلباغ يەنە 500گېگابايت سىغىم كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.