خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جۇڭگو تور ئىشلىرىدىكى 20 يىل

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : 2015-12-27 22:19

   15-دېكابىر، جۇڭگو تور بوشلۇقى تەتقىقات ئورنى ۋۇجېندا «جۇڭگو ئالاقە تورىنىڭ 20 يىللىق تەرەققىيات دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 20 يىلدىن بۇيان جۇڭگودىكى تورداشلار 1997-يىلى 10-ئايدىكى 620 مىڭ ئادەمدىن 2015-يىلى 7-ئايدىكى 668 مىليون ئادەمگە كۆپەيگەن، تور ئابونتلىرىنىڭ كۆلىمى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن بولۇپ، تور بېكەتلەرنىڭ سانى 4 مىليون 137 مىڭدىن ئاشقان، تور دائىرە نامى 22 مىليون 300 مىڭدىن ئاشقان، .CN دائىرە نامىنىڭ سانى تەخمىنەن 12 مىليون 250 مىڭ بولۇپ، دۇنيا بويىچە دۆلەت ئالىي دەرىجىلىك دائىرە نامى بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  جۇڭگو ئالاقە تورى تارىخىدىكى 20 يىللىق چوڭ ئىشلار خاتېرىسى

  1994-يىل

  گوۋۇيۈەن ئالاقە تورىغا ئومۇميۈلۈك ئۇلىنىشنى تەستىقلىدى. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگو دۆلەتلىك كومپىيوتېر ۋە تور ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، سېكونتىغا 64 كىلوبايتلىق خەلقئارا مەخسۇس لېنىيە ئالاقە تورى بىلەن تولۇق ئىقتىدارلىق ئۇلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئالاقە تورى دەۋرىنى باشلىدى.

  1994-يىلى 5-ئاي

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى كومپىيوتېر تور ئۇچۇر مەركىزى دۆلەت ئالىي دەرىجىلىك دائىرە نامى (.CN) مۇلازىمىتىرى قۇرۇشنى تاماملاپ، جۇڭگونىڭ CN ئالىي دائىرە نامى مۇلازىمىتىرىنىڭ چەتئەلدە بولۇش تارىخىنى ئۆزگەرتتى.

  1999-يىلى

  جۇڭگودا تۇنجى قېتىم تور بانكىسى كەسپى تەستىقلانغاندىن بۇيان، ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، جۇڭگودىكى تور بانكىسى ئابونتلىرىنىڭ سانى 307 مىليون كىشىگە، توردا پۇل تۆلەيدىغان ئابونتلار سانى 359 مىليون كىشىگە يەتتى.

  2001-يىلى

  جۇڭگودا WLAN قوزغىتىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن WLAN تور نۇقتىسىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى، ئاممىۋىي ۋە ئائىلە WiFi سىمسىز تور مۇھىتى كۈنسىرى ياخشىلاندى.

  2004-يىلى 8-ئايدا

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېلېكترونلۇق ئىمزا قانۇنى» ئېلان قىلىندى. بۇ جۇڭگو ئالاقە تورى ساھەسىدىكى تۇنجى ئايرىم يۈرگۈزۈلگەن قانۇن بولۇپ، جۇڭگو ئالاقە تورىنىڭ قانۇن-تۈزۈملەشتۈرۈش مۇساپىسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  2007-يىلى

  دۆلەت ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت تورى مەركەز دەرىجىلىك يەتكۈزۈش غول لېنىيە تورى رەسمىي ئېچىلىپ، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت تور رامكىسىنىڭ ئاساسەن شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

  2009-يىلى

  جۇڭگو ئۈچۈنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش (3G) نومۇرى ۋىۋىسكىسىدىن ئۈچنى تارقاتتى، 3G ئابونتلىرى زور دەرىجىدە ئاشتى، كۆچمە ئالاقە تورىغا ئۇلىنىش ئېقىم مىقتارى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن دومىلىما ئېشىش نىسبىتى %50تىن ئاشتى.

  2013-يىلى، 2015-يىلى

  جۇڭگو ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ 4-ئەۋلاد كۆچمە ئالاقە نومۇرى ۋىۋىسكىسى (4G) تارقىتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 4G تورىنى قۇرۇپ چىقتى.

  2015-يىلى 3-ئايدا

  «ئالاقە تورى پىلۇس» ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىغا كىرگۈزۈلۈپ، دۆلەت قاتلىمىدىكى زور ئىش بولۇپ قالدى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھارىتى،

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار