خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

يان تېلېفون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئامىللار

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : 2015-12-27 22:20

   ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتتى، ئەمما تۇرمۇشىمىزدا يان تېلېفون ئىشلىتىشتىكى بىر قىسىم ئادەت خاراكتېرلىك مەشغۇلاتلار بىزگە ئورۇنسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.

    خالىغانچە تورغا چىقىش

    ھازىر كىشىلەر سىرتلارغا چىققاندا بىلىپ – بىلمەيلا تىجارەتچىلەردىن ‹‹بۇ يەردە WiFi بارمۇ؟››، ‹‹WiFi نىڭ مەخپىي نومۇرى قانچە؟›› دېگەندەك ئادەت خاراكتېرلىك سوئاللارنى سورىشىدۇ. نۆۋەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان WiFi تىجارەت تارماقلىرى قۇرغان WiFi ۋە سودىگەرلەر ئۆزلىرى قۇرغان WiFi دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. تىجارەت تارماقلىرى قۇرغان WiFiغا كۆپ خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلىپ 24 سائەت نازارەت قىلىنىدىغان بولغاچقا، بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن بەزى تىجارەت سورۇنلىرى سىمسىز توردىن پايدىلىنىپ قۇرۇۋالغان كىچىك تىپتىكى WiFi لارغا مەخسۇس بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلمىغاچقا، بىخەتەرلىك دەرىجىسى تۆۋەنرەك بولۇپ ئاسانلا زەربىگە ئۇچراپ قالىدۇ. ھەتتا بەزى قەستكار (خاككېر)لار ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرى ياكى يان تېلېفونى ئارقىلىق ‹‹قىزىق نۇقتا›› قۇرۇپ ساختا ھەقسىز WiFi نامى بىلەن خېرىدارلارنى ئالداپ، بەزى قانۇنسىز تور بېكەتلىرىگە باشلاپ قويۇشى ياكى ھەر خىل مۇھىم ئۇچۇرلارنى بىۋاسىتە ئىگىلەپ كېتىشى مۇمكىن.

    شۇڭا سىرتتا تورغا چىققاندا ھەقسىز ۋە قولايلىق بولۇشنى كۆزلەپ تېگى – تەكتى ئېنىق بولمىغان، بولۇپمۇ مەخپىي شىفىرى بولمىغان WiFi سىگناللىرىنى تاللىماسلىق، دەلىللەش مېخانىزمى بار بولغان WiFi مۇلازىمىتىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى خىزمەتچى خادىملارنى تېپىپ دەلىللىگەندىن كېيىن ئۇلاپ ئىشلىتىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا ئامال بار يان تېلېفونغا WiFiغا ئاپتوماتىك ئۇلىنىش لايىھەلەپ قويماسلىق، ئىشلىتىپ بولغان WiFi سىگناللىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.

    ناتونۇش تور بېكەتلىرىنى خالىغانچە زىيارەت قىلىش ۋە ئەپ يۇمشاق دېتاللىرىنى خالىغانچە چۈشۈرۈش

    يان تېلېفون بىلەن تورغا چىققاندا تور بەتلىرىنى كۆرگەندىن باشقا، ھەر خىل ئەپ يۇمشاق دېتاللىرىنى كۆپ ئىشلىتىمىز. لېكىن ئەپ يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ تارقىتىلىشىدا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم ۋە سىياسەت چەكلىمىسى بولمىغاچقا ئارقا سەھنە مەشغۇلاتى، ئاپتوماتىك تورغا ئۇلىنىش، ھەقلىق ئىستېمال، يامان نىيەتتە تارقىتىش، يىراق مۇساپىلىك كونترول قىلىش، شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلىۋېلىش ۋە ھەق تۇتۇۋېلىش قاتارلىق نۇرغۇن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مەۋجۈت.

    شۇڭا ئەپ يۇمشاق دېتاللىرىنى چوقۇم مۇنتىزىم يۇمشاق دېتال دۇكانلىرىدىن چۈشۈرۈش، خالىغان تور بەت ياكى مۇنبەرلەردىكى يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرمەسلىك كېرەك. ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى قاچىلىغان ۋە ئىشلەتكەن چاغدىمۇ مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق دائىرىسىنى بېكىتىشكە دىققەت قىلىپ، يان تېلېفون بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك.

    كود كۆرسىلا سېكاننېرلاش

    ئىككىلىك كودنى سېكاننېرلاش ئاللىقاچان نۇرغۇن يان تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتتى. شۇنداق، سېكاننېرلاش ئارقىلىق كىشىلەر كۆرمەكچى بولغان تور بېكەتلىرىنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلالايدۇ، بۇ تور بېكەت ئادرېسلىرىنى كىرگۈزۈشتىن كۆپ ئاسان ۋە تېز بولىدۇ، بىراق ئىككىلىك كودتىمۇ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى جەھەتتە يوچۇق بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىككىلىك كودتىن پايدىلىنىپ يان تېلېفون ۋىرۇسى ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى تارقىتىدۇ، ھەتتا ئابۇنىچىلارنىڭ مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ.

    شۇڭا ئۇچرىغانلا ئىككىلىك كودنى سېكاننېرلىماسلىق، بولۇپمۇ مۇنتىزىم بولمىغان تور بېكەتلەر تەمىنلىگەن ئىككىلىك كودلارنى سېكاننېرلىماسلىق، سېكاننېرلاشقا توغرا كەلگەندە ئالدى بىلەن كېلىش مەنبەسىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يان تېلېفونلارغا مۇناسىپ مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى قاچىلاش ئارقىلىق زىيانلىق ئۇچۇرلار كۆرۈلگەن ھامان ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش كېرەك.

    ياسىن ئىبراھىم تەرجىمىسى

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھارىتى،

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار