نۇرغۇن كىشى يانفوننى كېچىچە زەرەتلەش زىيانلىق، باتارىيەنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا پارتلاش يۈز بېرىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن دېيىشىدۇ، ئۇنداقتا بۇ سۆز توغرىمۇ؟
ئادەتتە يانفوننى زەرەتلەش ۋە زەرەتسىزلەش ھەققىدە «زىيادە زەرەتلىنىش» ۋە «زىيادە زەرەتسىزلىنىش» دەيدىغان كەسپىي ئاتالغۇ بولىدۇ. «زىيادە زەرەتسىزلىنىش» دېگىنىمىز يانفوننى توكى تولۇق تۈگىگىچە ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا «زىيادە زەرەتسىزلىنىش» نىڭ باتارىيەگە زىيىنى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار، زىيىنى كىچىكرەك بولغاندا باتارىيەنىڭ سىغىمى كىچىكلەپ كېتىدۇ، چوڭ بولغاندا باتارىيەنى قايتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا «زىيادە زەرەتلىنىش» نىڭ زىيىنى بارمۇ؟ بۇ ھەقتە كۆزقاراشلار ھەر خىل بولماقتا، چۈنكى زەرەتلىنىش مۇھىتى ۋە باتارىيە سۈپىتى ھەر خىل بولغاندا زەرەتلىنىش نەتىجىسىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. گەرچە زەرەتلىنىش مۇھىتى ۋە باتارىيە سۈپىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئۆلچەملىك زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان، لاياقەتلىك بولغان يانفون باتارىيەلىرىنى زەرەتلىگەن چاغدا، چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى زەرەتلىگۈچلىرىدە زەرەتلەش كېرەك.
مۇنتىزىم يانفون باتارىيەلىرىنىڭ ھەممىسىدە «زىيادە زەرەتلىنىشتىن قوغدىنىش توك يولى» بولىدۇ، بۇ خىل توك يولى باتارىيەگە زەرەت توشقاندىن كېيىن زەرەتلىنىشنى ئاپتوماتىك توختىتىپ زىيادە زەرەتلىنىش ۋە زىيادە قىزىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەتتە يانفونلارنىڭ زىيادە زەرەتلىنىشتىن قوغدىنىش تەدبىرى بىرلا خىل بولماستىن كۆپ خىل بولىدۇ، بىر خىل تەدبىر ئىشلىمەي قالسا، باشقا تەدبىرلەر ئىشلەيدۇ. شۇڭا «زىيادە زەرەتلىنىش» تىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
باتارىيەنىڭ زەرەتلىنىش دەۋرى باتارىيەنىڭ ئۆمرىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بىر پارامېتىر. مەسىلەن: iPhone باتارىيەسىنىڭ زەرەتلىنىش دەۋرى 500 قېتىم بولىدۇ. كىشىلەر بۇ ئۇقۇمنى بىلىدۇ، بىراق دائىم خاتا ھالدا باتارىيەنىڭ ئۆمرى 500 قېتىم زەرەتلىنىش بىلەن تۈگەيدۇ، دەپ قارىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە باتارىيەنىڭ زەرەتلىنىش دەۋرى دېگىنىمىز باتارىيە توكىنىڭ بىر قېتىم %100 ئىشلىتىلىپ تۈگىشىنى كۆرسىتىدۇ، ھەرگىزمۇ بىر قېتىم توكقا ئۇلاپ زەرەتلەشنى كۆرسەتمەيدۇ.
بىر زەرەتلىنىش دەۋرى دېگەن نېمە؟ بۇنى ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن ئالما شىركىتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ بايانىنى كۆرۈپ باقايلى:
ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ھەرقانداق ئورۇندا Apple لىتىي ئىئونى باتارىيەسىنى زەرەتلەشكە بولىدۇ. زەرەتلەشتىن بۇرۇن %100 زەرەتسىزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. Apple لىتىي ئىئونى باتارىيەسى زەرەتلىنىش دەۋرى شەكلىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئەگەر ئىشلىتىلگەن توك باتارىيە سىغىمىنىڭ %100 ىگە يەتكەن بولسا، بىر زەرەتلەش دەۋرى تاماملانغان بولىدۇ، ئەمما بۇ بىر قېتىملىق زەرەتلىنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشقان بولۇشى ناتايىن. مەسىلەن: سىز بۈگۈن يانفوننىڭ %75 توكىنى ئىشلەتكەن بولۇڭ، كېچىدە يەنە زەرەتلەپ توشقۇزۇپ قويدىڭىز، ئەتىسى يەنە %25 توكىنى ئىشلىتىپ بولغان چاغدا ئومۇمىي ئىشلەتكەن توكىڭىز باتارىيە سىغىمىنىڭ %100 ىگە يەتكەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى كۈندىكىسى قوشۇلۇپ بىر زەرەتلىنىش دەۋرىنى تاماملىغان بولىدۇ.
ئىزاھلاپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، بەزى باتارىيەلەرنىڭ پەقەت 500 قېتىملىق زەرەتلىنىش دەۋرى بولىدۇ، بۇ 500 قېتىملىق زەرەتلىنىش دەۋرى تاماملانغاندىن كېيىن باتارىيە كېرەكتىن چىقىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى 500 قېتىملىق زەرەتلىنىش دەۋرى تاماملانغاندىن كېيىن باتارىيەنىڭ سىغىمى كىچىكلەپ ئەسلىدىكى ئومۇمىي سىغىمىنىڭ %80 ىگە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]