Flash ئېلانى گۇگول تور كۆرگۈچنىڭ پېچەتلىشىگە ئۇچرىدى

ئىنتېرنېت ئۇچۇر دەۋرىدە، ھەرىكەت ئۈنۈمدارلىق تۆۋەن، بايلىق مەنبە سەرپىياتى يۇقىرى بولغان Adobeشىركىتىنىڭ ۋېكتور كارتون تېخنىكىسى Flash «ئۆلۈم گىردابىدا» دەپ قارالماقتا.لېكىن بۇ تېخنىكا ئۆلۈم ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا گۇگول تەرىپىدىن بىر تېپەك يىدى. گوگۇل Chrome تور كۆرگۈچىنى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ Flash ئېلانلىرىنىڭ ئاپتوماتىك ھەرىكىتى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
PC ئۇچۇر دەۋرىدە،ئىلگىرى Flash تېخنىكىسى ناھايىتى مودا بولغان، ھەتتا بىر خىل نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ تالىشىپ ئۆگىنىدىغان ئىنتېرنېت تور بەت ياساش تېخنىكىسى بولۇپ قالغان، لېكىن Flash نىڭ ھەرىكەت ئۈنۈمى تۆۋەن، بۇ تور بەتىنىڭ يۈكلىنىشىنى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلىۋىتىدۇ ۋە كومپىيوتىرنىڭ نورمال مەشغۇلات قىلىنىشىنى قاتۇرۇپ قويىدۇ. يەنە كېلىپ كۆپ يىللاردىن بېرى Flash تېخنىكا يېڭىلاپ باقمىدى.
ھەممىمىزگە ئايانكى، ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبلىس ئەزەلدىنلا Flash تېخنىكىسىغا قارشى تۇرغان، ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ خىل ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن قاتارلىق كۆچمە ئەسلىھەلەردە ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدىكەن.
يەنە بىر تەرەپتىن Adobe شىركىتى بىلەن Flash تېخنىكىسنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى تۆۋەن، يەنە بىر تەرەپتىن خېرىدارلارنىڭ باشقا قىستۇرما دېتال ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئورنىتىشى لازىم بولمىغان HTML5 تور بەت ياساش تېخنىكىسى تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈپ Flash تېخنىكىسىنى ئۆلۈم گىردابىغا ئەكىلىپ قويدى.
گۇگول Chrome تور كۆرگۈچ كوللېكتىپى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق توربەت مەزمۇنى بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى بولمىغان Flash كارتون ئېلان ۋە مەزمۇنلارنىڭ قويۇلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ ۋە ئاپتوماتىك قويۇشنى چەكلەيدۇ، «ئابونېت چەككەندىن كېيىن قويۇلىدىغان» قىلىپ تەڭشەيدۇ.
ئابونېتلار ھەر بىر Flash ئېلان ۋە مەزمۇننى ئوڭ كونۇپكىنى چېكىپ ھوقۇق بەرگەندىن كېيىن ئاندىن قويۇلىدۇ.