گۇگول ئانا شىركىتى ئۈچۈن ABC قاتارلىق ھەرپلىك تور ناملىرىنى ئەسەبىيلەرچە سېتىۋالماقتا

گۇگول شىركىتى 8-ئايدا زور كارخانا قۇرۇلمىسىنى قايتا تەشكىللەش پىلانىنى ئېلان قىلىپ، يېڭى قۇرۇلغان ئانا شىركەت Alphabet نى گۇگول ۋە باشقا يېڭىلىق ياراتقۇچى ۋە تەتقىقات شىركەتلىرىنىڭ پاي كونترول شىركىتى قىلدى. چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى كۈنلەردە گۇگول يەر شارى مىقياسىدا ئېلىپبە جەدۋىلىگە ئالاقىدار ھەرخىل تور ناملىرىنى ئەسەبىيلەرچە سېتىۋېلىشقا باشلىغان.
يېڭى پاي كونترول شىركىتىگە نېمىشقا بۇنداق ئىسىم قويۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغاندا، گۇگول شىركىتىنىڭ سابىق لېدىرى پېيجنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Alphabet ئېلىپبە دېگەن مەنىدە بولۇپ، گۇگول كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەرخىل تىل ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاساسى ئىكەن، بۇ سۆزدە يەنە مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش كەسپ ئىچىدىكى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەنىسى باركەن.
گۇگول ئانا شىركىتىنىڭ ئىسمى تور نامى بازىرىدا زور داۋالغۇش پەيدا قىلدى. گۇگولنىڭ ئانا شىركىتى سىرتقا قارىتا تور نامىنىڭ Abc.xyz ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇ سىرتقى جامائەتچىلىكنىڭ .xyz خەلقئارا يۇقىرى دەرىجىلىك تور نامىغا قاتتىق قىزىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تور نامىنى يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇگول تور نامى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، .xyz تور نامىنى تىزىملىتىش نەچچە ھەسسە ئاشقان.
گۇگول يېقىندا سېتىۋالغان خەلقئارا تور ناملىرىدىن ABCAlphabet.com ۋە Alphabet.kr قاتارلىقلار بار.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تور نامى تىزىملاش ۋە ماركا ھوقۇقى قوغداش جەھەتتە، گۇگول MarkMonitor دەپ ئاتىلىدىغان كەسپىي شىركەت بىلەن ھەمكارلاشقان، بۇ شىركەت گۇگولنىڭ لازىم بولۇپ قالغان تور نامىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.