گۇگول يېقىندا Android Wear سىستېمىسىغا ئۆزئارا ھەرىكەتلەنمە سائەت تاختا ئىقتىدارىنى قوشۇپ، گۇگول تەرجىمە مۇلازىمىتىنى توپلاشتۇرغان. Android Wear ئەقلىي قول سائەتتىنى تېخىمۇ قوللىنىشچان قىلىدۇ.
ئۆزئارا ھەرىكەتلەنمە سائەت تاختىسى ئىقتىدارى ئارقىلىق، Android Wear نىڭ سائەت تاختىسى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر تەمىنلىيەلەيدۇ. ھالبۇكى، ئىشلەتكۈچى يالغۇز ئەپنى ئېچىشى ھاجەتسىز، سائەت تاختىسىدىلا ئۆزگەرتىپ تەڭشىيەلەيدۇ.
گۇگول بىر قىسىم ئۆزئارا ھەرىكەتلەنمە سائەت تاختىسىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ لايىھەسىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىسمى Bits بولغان سائەت تاختىسى ھاۋا رايى، خەت-چەك ۋە چېسلا جەدۋىلى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇچۇرنى ئىنتايىن قولايلىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن.
Under Armour دىن كەلگەن بىر سائەت تاختىسى ئىشلەتكۈچىگە پىيادە ماڭغان قەدەم سانىنى، سەرپ قىلغان ئېنېرگىيىسىنى، شۇنىڭدەك ماڭغان ئارىلىقنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن.
ئەڭ قىزىقارلىق بولغىنى يەنىلا «Together » ناملىق سائەت تاختىسى بولسا كېرەك. بۇ سائەت تاختىسى ئىشلەتكۈچىنى Android Wear سائىتى بىلەن ھەمراھىنىڭ سائىتىنى ئۆز ئارا چېتىپ، بۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتىنى ئىز قوغلاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ. ئىشلەتكۈچى رەسىم ياكى چىراي ئىپادىسى يوللىيالايدۇ، شۇنداقلا قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ چېنىقىۋاتقان ياكى ماشىنا قىستاڭچىلىقىغا يولۇققىنىنى دەپ بېرەلەيدۇ.
ئۆزئارا ھەرىكەتلەنمە سائەت تاختا ئىقتىدارى Android Wear نى ئالمىنىڭ Apple Watchىدىن ئىقتىدارى كۆپ كۈچلۈك بولغان رىقابەت ئوبيكىتىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ دېگەنلىك، يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچىلەر سائەت تاختىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارنى قوشسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا Android Wear نىڭ سائەت تاختا كۆرۈنمە يۈزى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ Android Wear تېخىمۇ قوللىنىشچانلىققا ئىگە قىلىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا، ئىشلەتكۈچى سائەت تاختىسىدىن ئايرىلمىغان ئەھۋالدا، ھەرقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيدۇ. Android Wear سائەت تاختىسى ئەپنىڭ بارچە ئىقتىدارىنى تەمىنلىيەلەيدۇ.
گۇگول بۇ قېتىم Android Wear گە يەنە گۇگول تەرجىمە ماتورىنى توپلاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئىشلەتكۈچى يانفۇنغا تەرجىمە ئەپلىرىنى قاچىلىمىسىمۇ بولىدۇ.
ئەگەر بۇ ئىقىدارنى ئىشلەتمەكچى بولسا، ئىشلەتكۈچى سائەتكە قاراپ گەپ قىلسىلا بولىدۇ، ئاۋاز دەرھال باشقا 44 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇ خىل ماتور ئىشلەتكۈچىنىڭ ئاۋازىنى ئاپتوماتىك پەرق ئېتەلەيدۇ، شۇڭا ئىشلەتكۈچىنىڭ قول سېلىپ تەڭشىشى كېرەك ئەمەس.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىشلەتكۈچى پەقەت بېغىشىنى تولغىسىلا، تەرجىمە نەتىجىسىنى باشقىلارغا كۆرسىتەلەيدۇ. قارشى تەرەپ جاۋاب بەرسە، قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنىڭ تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىنكى نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
گۇگۇل بۇ قېتىمقى يېڭىلىق «كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە» بارلىق Android Wear قول سائىتىگە يوللاپ بېرىلىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]