خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

IEتور كۆرگۈچى 20 ياشقا كىردى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-18 18:21

 
IEتور كۆرگۈچى 20 ياشقا كىردى
 
\
تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىنىڭ 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرى (ئوكيان تورىدىن گۈلجەننەت تەرجىمىسى): چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، مىكروسوفت IE 1.0 نى چىقاردى. ئەينى ۋاقىتتىكى IE  پەقەتلا Windows 95 نىڭ كۈچەيتىش بوغچىسى Internet Jumpstart Kit نىڭ بىر قىسمى ئىدى، كېيىنكىسى يەنە Win95 Plus نىڭ سوۋغاتلىق بولىقى ئىدى.
مىكروسوفت IE ئۈچۈن خېلى زور كۈچ سەرپ قىلغان، ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى بازاردىكى ئەڭ ئىلغار تور كۆرگۈچ Netscape بىلەن كەسكىن رىقابەتكە چۈشكەن ئىدى. IE نى چىقىرىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، مىكروسوفت IE 2.0 نىڭ ھەقسىز چۈشۈرىدىغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى. 1996-يىلى 8-ئايدا،  مىكروسوفت يەنە IE 3.0 نى چىقاردى، IE 3.0 بىلەن باشقا ئەپلەر بىلەن «دىئالوگ قىلغىلى بولاتتى»، مەسىلەن، Windows Media Player.  ئۇ يەنە بەزى CSS ئىقتىدارلىرىنىمۇ قوللايتتى،  ئۇنىڭ ئىچىدە تور كۆرگۈچتە سۈرەت كۆرۈنۈشنى قوللاش دېگەندەك ئىقتىدارلارمۇ بار ئىدى.
\
1997-يىلى،  مىكروسوفت IE 4.0 نى چىقاردى. ئەينى ۋاقىتتا، مىكروسوفت Windows سىستېمىسىنىڭ مونوپول ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ IE نى چىقارغان. مىكروسوفتنىڭ ئېيتىشىچە، Windows بىلەن IE نى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئىلگىرى ھەتتا مىكروسوفتنىڭ «رىقابەتكە قارشى ھەرىكىتى»گە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
بىرىنچى قېتىملىق تور كورگۈچ ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن  Netscape نىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى جىم كلارك (Jim Clark ) مىكروسوفتنى ئۆلۈك يۇلتۇز (Death Star )غا سىمىۋول قىلغان، Netscape نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جىم باكىسدېل (Jim Barksdale )مۇ «بۇ بىر مەيدان قالايمىقان جەڭ، لېكىن مېنىڭچە تەڭرى بىزگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
\
لېكىن، مىكروسوفت بۇ بىر مەيدان تور كۆرگۈچ ئۇرۇشىدا ئاخىرى غەلىبە قىلغان. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا، IE كەسپى ھەر يىلى مىكروسوفتقا 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق كىرىم يارىتىپ بەرگەن. 2002-يىلىغا كەلگەندە، IE تور كۆرگۈچ بازىرىنىڭ %95ىنى ئىگىلىگەن. لېكىن IE تەرەققىي قىلىشتىن توختاپ قالدى، FireFox ، Chrome، Opera ۋە باشقا تور كۆرگۈچلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى.
مىكروسوفت بىر قاتار IE تور كۆرگۈچ يامىقىنىڭ سۈرئىتىنىڭ زىيادە ئاستا ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دەۋا ئىشلىرىغا دۇچار بولغاندىن كېيىن، IE قوشۇنى ماقالە ئېلان قىلىپ، IE نىڭ سىناق ماترېتساسىنى بايان قىلدى. ئۇلار ماقالىدە مۇنداق يازغان ئىدى: «ھەر بىر IE نەشىرىدە 26 خىل تىل بار دېسەك، ھەر بىرىنىڭ بىخەتەر ھالدا دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بىز ئاز دېگەندە 234 قېتىم سىناق قوراشتۇرۇشىمىز كېرەك. بىزنىڭ سىناق قوشۇنىمىز چوقۇم ھەر بىر قوراشتۇرۇش بولىقىنىڭ توغرا بولۇشىغا ۋە نورمال ئىش ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بۇ ئىنتايىن ئېغىر خىزمەت».
2006-يىلى، IE 6 «تارىختىن بۇيانقى 8- ناچار پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتى» دەپ نام ئالدى. 2011-يىلى «پەن-تېخنىكا تارىخىدىكى 50 خىل ئەڭ ناچار پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتى» تىزىملىكىدە، IE 6  11-ئورۇنغا تىزىلدى. ئەگەر سىز تور بەت لايىھىلەش بىلەن شوغۇللىنىپ باققان بولسىڭىز، IE 6 بەلكىم سىزنى قىيادىن سەكرىۋېلىشقا مەجبۇر قىلىپ قويۇشى مۇمكىن،  چۈنكى ئۇ CSS 2 نى قوللىمايدۇ، PNG سۈرەتتە سۈزۈش دەرىجىسىنى قوللىمايدۇ.
\
2014-يىلى، Windows XP سىستېمىسى IE تور كۆرگۈچىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشنى قوللىمايدىغان بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كومپيۇتېر جىددى تەييارلىق كۆرۈش گورۇپپىسىدىكىلەر (US-CERT ) Windows XP ئابۇنتلىرىنىڭ باشقا تور كۆرگۈچلەرنىمۇ قوللايدىغان سىستېمىلارنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسستىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئورگىنى بولغان Net Applications ئېلان قىلغان ئەڭ ئىلغار تور كۆرگۈچ يۆنىلىشى سخېمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى 7-ئايدا، IE پۈتۈن يەر شارىدىكى تور كۆرگۈچ بازىرى ئۈلۈشىنىڭ %47.67نى ئىگىلىگەن، 2015-يىلى 7-ئايدا تۆۋەنلەپ %42.55 كە چۈشكەن.
\
ئوخشاش بولمىغان ئىستاتىسكا گرافىكلىرىدىن Net Applications  IE تور كۆرگۈچىنىڭ ئۈستەل يۈزى تور كۆرگۈچ بازار ئۈلۈشىنىڭ %53.47ىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.
\
مىكروسوفت IE تور كۆرگۈچ ماركىسىدىن ۋاز كېچىپ، يېڭىدىن Edge تور كۆرگۈچىنى Windows 10 قا باغلاشنى پىلان قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر Edge كىشىلەرگە IE ئېلىپ كەلگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇلدۇرالىسا يەنىلا كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بىز IE تور كۆرگۈچىنى قانچىلىك ئادەم ئىشلەتكەنلىكىنى، قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىشكە ئامالسىز.
Edge ھەر خىل ئاساسىي سىناقلاردىن ئۆتۈپ بولدى، ئۇنىڭ سۈرئىتى IE دىن تېز، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا گۇگېل (مىكرو بلوگ) Chrome، MozillaFireFox شۇنداقلا ئالما Safari تور كۆرگۈچىنىڭ سۈرئىتىدىنمۇ تېز بولۇشى مۇمكىن. گەرچە Edge مىكروسوفتنىڭ ئەڭ يېڭى بېكىتىلگەن تور كۆرگۈچى بولسىمۇ، IE بىلەن خوشلىشىشقا تېخى تولۇق تەييارلىنىپ بولالمىغان ئابۇنتلارغا مىكروسوفت Windows 10 دا داۋاملىق IE 11 تور كۆرگۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
 
ئوكيان تورى تەرجىمىسى
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#0000FF'>ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈ</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار