خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

يانفوندىكى مىكروب تەرەت قاچىسىنىڭكىدىن 20 ھەسسە كۆپ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-18 18:18



يانفوندىكى مىكروب تەرەت قاچىسىنىڭكىدىن 20 ھەسسە كۆپ

يانفوندىكى مىكروب تەرەت قاچىسىنىڭكىدىن 20 ھەسسە كۆپ

تېڭشۈن تورىنىڭ 14- ئاۋغۇست خەۋىرى (ئوكيان تورىدىن دىلبەر تەرجىمىسى): گەرچە ئاڭلىماققا ناھايىتى يېقىمسىز تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ساغلاملىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كۆپچىلىك چوقۇم «يانفوندىكى مىكروب تەرەت قاچىسىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا 20 ھەسسە كۆپ بولىدۇ» غانلىقىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىگە توغرا قارىشى لازىم.
گەرچە سىز ھەر كۈنى پارقىراق ۋە نەپىس ياسالغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى ئالىقانلىرىڭىز ئارىسىغا ئېلىپ مەشغۇلات قىلسىڭىزمۇ، لېكىن ھەر كۈنى سىز تاماق يېگەندە، ئۇخلىغاندا، خىزمەت قىلغاندا سىزدىن ئايرىلماي ھەمراھ بولىدىغان بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسلىھەنىڭ ئېلىپ يۈرگەن مىكروبلىرىنىڭ ئۇ دەرىجىدە كۆپ ئىكەنلىكىنى سىز چوقۇم تېخى ئويلاپ باقمىدىڭىزغۇ دەيمەن. ئەمەلىيەتتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بىز يېنىمىزدا ئېلىپ يۈرىدىغان نەرسىلەر ئىچىدە پاكىزلاشقا ئەڭ مۇھتاج بولغان بۇيۇمدىن ئىبارەت.
2013- يىلى ئىستېمالچىلار تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىر تۈرلۈك سىناق ئېلىپ بارغان. ئۇلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال (ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، تاختا كومپىيوتېر) لارغا 30 خىلدىن ئارتۇق ئەمەلىي قوللىنىشچان پروگرامما قاچىلاپ، ئۇنى بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان يانفونلارنىڭ ئەھۋالىغا تەقلىد قىلغان. بىر مەزگىل نورمال ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۇنى سۈرتكەن. سۈرتۈشكە ئىشلەتكەن گىرىم پاختىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندە، ھەر بىر پارچە گىرىم پاختىسىدا 600 دانە ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈم باكتېرىيىسى بارلىقى ئېنىقلانغان.
كىچىككىنە بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىگە زادى نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ۋىروس يوشۇرۇنغان بولىدۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئەمەلىيەتتە بىز ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆي ئىشلىرىنى قىلىمىز، بىراق ناھايىتى ئاز بىر قىىسم كىشىلەرلا مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ يان تېلېفۇننى تازىلايدۇ. ھەتتا بەزىلەر بۇ يازمىنى كۆرۈشتى ئىلگىرى يان تېلېفۇن تازىلاش دېگەن بۇ ئۇقۇمغا ئىنتايىن سەل قاراپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن خوشاللىنارلىقى شۇكى، كۆچمە تېخنىكا ساھەلىرى ئاللىبۇرۇن بىزنى بۇ خىل ئاۋارىچىلىقلارنى ھەل قىلىدىغان بىر ئۈسكۈنە بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇ قېتىمقى تەتقىقات گۇرۇپپىسى كورنىڭ (corning) شىركىتى بىلەن تەتقىقات ھەمكارلىقى ئورناتقان بولۇپ، ۋىروسقا قارشى تۇرىدىغان ۋە سۇۋالما قەۋەت ئارقىلىق %99.99 ۋېروسنى تامامەن ئۆلتۈرەلەيدىغان  Gorilla ئەينەكنى بازارغا سالدى. ئۇنىڭدىن باشقا مىكروسوفتنىڭ يېڭى بىر تۈرلۈك پاتېنتى بار بولۇپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفۇننىڭ سېزىمچان ئېكرانى ۋە ئابۇنتنىڭ بارماقلىرىنى دېزىنفېكىسىيە قىلغىلى بولىدۇ. مىكروسوفت كەلگۈسىدە  Lumia ئۈسكۈنىسىگە بۇ خىل تېخنىكىنى ئىشلىتىدىكەن.
ئەلۋەتتە بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم شۇنداق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا ساقلاپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. پەقەت بىر بولاق ھۆل لۆڭگە ئارقىلىقلا، بىز كۆپ قىسىم ۋىروسلارنى يوقىتالايمىز.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ئوقۇغۇچىلارنى كىتاب ئو

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار