خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بوران-چاپقۇنلۇق 20 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن IE ئورنىنى Microsoft Edge گە بوشاتتى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-18 18:15

 

بوران-چاپقۇنلۇق 20 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن IE ئورنىنى Microsoft Edge گە بوشاتتى

مىكروسوفت IE تور كۆرگۈچىسى 20 يىللىق بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشقاندىن كىيىن، نۆۋەتتە يېڭى نۇسخىدىكى تور كۆرگۈچ بولغان Microsoft Edge ئۇنىڭ ئورنىنى ئالدى. تۈنۈگۈن، Microsoft Edge گۇرۇپپىسى IE تور كۆرگۈچىسىگە بەخت تىلەش مەنىسىدىكى تەبرىك سۆزىنى ئەۋەتىپ، IE نىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆرسەتكەن تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بوران-چاپقۇنلۇق 20 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن IE ئورنىنى Microsoft Edge گە بوشاتتى

20 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى ئامېرىكا ۋاقتى بويىچە 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، مىكروسوفت شىركىتى Internet Explorer 1.0 تور كۆرگۈچىسىنى رەسمىي ئېلان قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا، IE 1.0 پەقەت Windows 95 Plus! سىستېمىسىدىكى "Internet Jumpstart Kit" نىڭ ئىچىگە قوشۇلغان بىر قىستۇرما بولۇپ  ھېسابلىناتتى.

IE گەرچە سەل كېچىكىپ ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما، مىكروسوفت بۇ ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا تور كۆرگۈچ بازىرىدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان Netscape Navigator بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىشنى نىشانلىغان.

ئۈچ ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، مىكروسوفت يەنە ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان نۇسخىدىكى IE 2.0 نى ئوتتۇرىغا چىقارغان. 1996-يىلى 8-ئايدا، مىكروسوفت يەنە IE 3.0 نى ئېلان قىلغان، يېڭى نۇسخىدىكى بۇ تور كۆرگۈچكە Windows Media Player  قاتارلىق باشقا دېتاللار بىلەن "دىئالوگلىشىش" ئىقتىدارى قوشۇلغان، شۇنداقلا CSS نى قوللاش ئىقتىدارىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

1997-يىلى، IE 4.0 ئېلان قىلىنغان. بۇ قېتىم، مىكروسوفت Windows سىستېمىسىنىڭ بازاردىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا تايىنىپ، IE تور كۆرگۈچىسىنى كېڭەيتمەكچى بولغان. مىكروسوفىتنىڭ ئېيتىشىچە، IE ئاللىقاچان Windows نىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىكەن. ئارقىدىن، ئامېرىكا ئەدىلىيە مىنىستىرلىقى ئۇنىڭغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان.

ئارقىدىن، تور كۆرگۈچ بازىرىدا تۇنجى مەيدان جەڭ پارتلىغان. Netscape نىڭ قۇرغۇچىسى Jim Clark مىكروسوفتنى بىر "ھالاكەت يۇلتۇزى" (Death Star) دەپ ئاتىغان؛ Netscape نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Jim Barksdale بولسا، بۇ بىر مەيدان جەڭ، تەڭرى ھامان بىز تەرەپتە تۇرىدۇ، دېگەن.

بوران-چاپقۇنلۇق 20 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن IE ئورنىنى Microsoft Edge گە بوشاتتى

بىراق ئاخىرىغا بارغاندا، مىكروسوفىت بۇ جەڭدە ئۇتۇپ چىققان. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا، مىكروسوفىت شىركىتى ھەر يىلى IE گە 100 مىليون دوللاردىن ئارتۇق زور سوممىلىق مەبلەغ سېلىشنى باشلىغان. 2002-يىلىغا كەلگەندە، IE نىڭ بازار ئۈلۈشى %95 گە يەتكەن. بىراق ئارقىدىنلا، IE نىڭ تەرەققىياتى توختاش مەزگىلىگە قەدەم قويغان، Firefox、Chrome、Opera ۋە باشقا خىل تور كۆرگۈچلەر تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئابونتلارمۇ IE تور كۆرگۈچىسىدىن نارازى بولۇشقا باشلىغان. مەسىلەن، ئابونتلار IE نىڭ ياماق پىروگراممىلارنى تارقىتىش سۈرئىتىنى بەك ئاستا دېيىشكەن. بىراق، مىكروسوفىت IE گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ قارىشىچە، IE كۆپ خىل تىلنى قوللايدىغان بولغاچقا، توغرا بولغان ياماق پىروگراممىسىنى تارقىتىش ئۈچۈن زور مىقداردا سىناق ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدىكەن.

2006-يىلى، IE 6 تور كۆرگۈچىسى "تارىختا 8-ئورۇندا تۇرىدىغان ناچار تېخنىكا مەھسۇلاتى" دەپ باھالانغان. 2011-يىلى، "تارىختىكى ئەڭ ناچار لايىھەلەنگەن 50 تېخنىكا مەھسۇلاتى" ئىچىدە، IE 6 تور كۆرگۈچىسى 11-ئورۇندا تۇرغان.

2014-يىلى، مىكروسوفىت Windows XP گە بولغان تېخنىكىلىق قوللاش مۇلازىمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئامېرىكا كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كىچىك گۇرۇپپىسى (US-CERT) داۋاملىق تۈردە Windows XP نى ئىشلىتىۋاتقان ئابونتلارنى IE دىن ۋاز كېچىپ، باشقا تۈردىكى تور كۆرگۈچلەرنى ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلغان.

Net Applications ناملىق بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 2014-يىلى 7-ئايدا IE نىڭ يەرشارى مىقياسىدىكى بازار ئۈلۈشى %47.67 گە يەتكەن، ھالبۇكى، بۇ يىل 7-ئايغا كەلگەندە، ئۇنىڭ بازار ئۈلۈشى %42.55 گە چۈشكەن. كومپىيۇتېر تور كۆرگۈچىسى بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، IE نىڭ بۇ يىل 7-ئايدىكى بازار ئۈلۈشى %53.47 بولغان.

بوران-چاپقۇنلۇق 20 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن IE ئورنىنى Microsoft Edge گە بوشاتتى

بۈگۈنكى كۈندە، مىكروسوفىت IE دىن ۋاز كېچىشكە تەييارلىق كۆرۈاتقان بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 10 نىڭ ئىچىگە Microsoft Edge ناملىق يېڭى نۇسخىدىكى تور كۆرگۈچنى ئالدىن قاچىلىغان. Microsoft Edge ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن، IE نىڭ كىشىلەرنى ئېلىپ كەلگەن "ئازاب-ئوقۇبەت" لىرىنى ئۇنتۇلدۇرالامدۇ-يوق بۇنىسى تېخى نامەلۇم. IE تور كۆرگۈچىسىدە قانچىلىك يوچۇق مەۋجۇت بولغانلىقى، قانچىلىك خاككېرلارنىڭ ئۇنىڭدىن قانچە قېتىم پايدىلانغانلىقىنى بەلكىم نۇرغۇن ئابونتلار بىلمەسلىكى مۇمكىن.

كۆپ تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، Microsoft Edge نىڭ سۈرئىتى IE دىن تېز ئىكەن. شۇنداقلا، Microsoft Edge نىڭ سۈرئىتى يەنە Chrome、Firefox ۋە Safari قاتارلىق باشقا تور كۆرگۈچلەردىنمۇ تېز ئىكەنلىكىنى مەلۇم بولغان. بىراق، تېزلىك ۋە ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار جەھەتتە، Microsoft Edge يەنىلا گۇگۇل تور كۆرگۈچىسى Chrome گە يەتمەيدىكەن.

داۋاملىق تۈردە IE نى ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتقان ئابونتلارنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، مىكروسوفىت شىركىتى Windows 10 سىستېمىسىدا Microsoft Edge نى سۈكۈتتىكى تور كۆرگۈچ قىلىپ بېكىتىش بىلەن بىرگە، يەنە IE 11 نىمۇ سىستېمىغا ئالدىن قاچىلىغان.

IE تور كۆرگۈچىسى بۇ يىل 20 ياشقا كىردى، Microsoft Edge گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان كۆرسەتكەن تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، داۋاملىق ئۇنىڭ ئورنىدا ئابونتلار ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بوران-چاپقۇنلۇق 20 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن IE ئورنىنى Microsoft Edge گە بوشاتتى

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ئوقۇغۇچىلارنى كىتاب ئو

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار