ئالىملار گرافىن ۋە بور نىترىد نامو نەيچىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ يېڭى بېرىكمە رەقەملىك ۋىكلىيۇچاتېل ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇنى ئېلېكترونلۇق ئۈسكىنىلەرنىڭ توك ئېقىمىنى كونترول قىلىشتىكى ئاساسلىق زاپچاس ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. كەلگۈسىدە بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ كرېمنىيلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلىتىلمىگەن كرىستال لامپا ياساپ چىقىلىپ، كومپيۇتېر، يانفۇن، داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا ئېلىكترون ئەسلىھەرلىرنىڭ سۈرئىتى تېخىمۇ تىزلىشىپ، سىغىمى تېخىمۇ كىچىكلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
گرافىن يەنە ھەر خىل ئالاھىدە خاسلىققا ئېگە ماتېريال بولالايدۇ، بور نىترىد نامو نەيچىنىسىنىمۇ پىششقلاپ ھەر خىل بىئولوگىيىلىك ۋە فىزىكىلىق ماتېرىيال ياساشقا بولىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى خىل ماتېرىيال ئېلېكترون ساھەسىدە مۇۋاپىق ئورۇنغا ئېرىشەلمىدى. گىرافىن ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئېكېلترون قويۇپ بېرىش سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ، ئېلېكتر ئېقىمىنى كونتورل قىلغىلى بولمايدۇ، بور نىترىد نامو نەيچىسى يەككە ھالەتتە تۇرغاندا، ئۇنى ھەتتا توك ئۆتكۈزمەيدىغان ئېزېلياتورلۇق جىسىم دېيىشكە بولىدۇ. تەتقىقاتتىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئالىملار بۇ ئىككى خىل ماددىنى بىرلەشتۈرۈپ ياساپ چىققان يېڭى تىپتىكى ۋىكلىيۇچاتېل تېخىمۇ يۇقىرى يۆتكەش كوئېففىتىسېنتغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ۋىكولىيۇچاتېل ئىقتىدارى ھازىرقى يۆتكىچۈچكە قارىغاندا بىر قانچە سانلىق دەرىجە يۇقىرى ئىكەن، بۇ تېخنىكا ئېلېكتورن مەھسۇلاتلىرى ۋە كومپيۇتېر ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىدىكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]