ۋىروسخورنى چۈشىنىڭ
ۋىروسخور ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋىروس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ:
1.خاس كودنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى
بۇ خىل ئۇسۇل مەلۇم بولغان ۋىروسلارنى تەكشۈرۈشتىكى ئەڭ ئاددى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
ۋىروسخور ئىشلەپچىقارغۇچىلار مەلۇم بولغان ۋىروسنىڭ مەلۇم ئالاھىدە بولغان بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى كودىنى ئەۋرىشكە قىلىپ ئېلىپ ۋىروسخورنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ساقلاپ قويىدۇ. ئەگەر ئەۋرىشكە ئېلىنغان كود بىر بايت ئۇزىرىسا 3000خىل ۋىروسنى ئارتۇق تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئەۋرىشكە قىلىنغان خاسلىق كود ئامال بار قىسقا بۇلۇشى كېرەك.
ئەگەر ۋىروس ھەم COM ھۆججىتىنى ھەم EXE ھۆججىتىنى يۇقۇملاندۇرىدىغان بولسا ئۇ چاغدا ئىككى خىل كود ئەۋرىشكىسى ياساشقا توغرا كېلىدۇ.
تەكشۈرۈلمەكچى بولغان ھۆججەت ئېچىلغاندىن كېيىن ھۆججەت ئىچىدە ۋىروسخورنىڭ ئامبىرىدىكى بىلەن ئوخشاش بولغان ۋىروس خاسلىق كودىغا ماس كېلىدىغان كودنىڭ بار يوقلىقىنى تەكشۈرىدۇ. ئەگەر بايقالسا بۇ ھۆججەتنىڭ ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىشلەتكەن ۋىروسخورنىڭ يېتەرسىزلىكى يېڭى پەيدا بولغان ۋىروسلارنى تازىلىيالمايدۇ. شۇڭا ۋىروسخورنىڭ ئامبىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاش لازىم.
ئارتۇقچىلىقى: توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ۋىروس نامىنى پەرق ئېتەلەيدۇ، خاتا سىگنال بېرىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن يۇقۇملانغان ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
كەمچىلىگى: نامەلۇم ۋىروسلارنى تەكشۈرەلمەيدۇ، يېڭى ۋىروسلارنىڭ خاسلىق كودىنى يىغىشقا چىقىم كۆپ بولۇپ كېتىدۇ، توردىكى ئۈنۈمى تۆۋەن (توردىكى مۇلازىمىتىردا، ئىزدەش ۋاقتى ئۇزۇراپ كەتكەنلىكتىن، پۈتكۈل تورنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: سۈرئىتى ئاستا. ۋىروسنىڭ كۆپ خىللىشىغا ئەگىشىپ، ئىزدەش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ. ئەگەر 5000 خىل ۋىروسنى تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، چوقۇم 5000 خىل ۋىروسنىڭ خاسلىق كودىنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
خاتا سېگنال بېرىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن.
ئۆزگىرىشچان ۋىروسنى بايقىيالمايدۇ.
يوشۇرۇن ۋىروسلارغا تاقابىل تۇرالمايدۇ.يوشۇرۇن ۋىروس ئەگەر ۋىروسخور قوزغىلىشتىن بۇرۇن ئىچكى ساقلىغۇچقا كىرىۋالسا، ۋىروس ۋىروسخور بايقاشتىن بۇرۇن يۇقۇملانغان ھۆججەتتىكى ۋىروس كودلىرىنى يوشۇرۇپ قويىدۇ.
2. يىغىندىنى سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى
ۋىروسخور نورمال ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنىڭ بايت سانىنىڭ يىغىندىسىنى ھېسابلاپ ساقلاپ قويىدۇ. نىشان ھۆججەت ئىشلىتىلىۋاتقاندا، ھۆججەتنىڭ نۆۋەتتىكى مەزمۇن يىغىندىسىنى ھېسابلاپ ئەسلىدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھۆججەتنىڭ ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغىنىنى پەرق قىلىدۇ.
بۇ خىل ئۇسۇل ھەم بۇرۇن پەيدا بولغان ۋىروسلارنى ھەم يېڭىدىن پەيدا بولغان ۋىروسلارنى بايقىيالايدۇ، بىراق ۋىروس تۈرىنى بىلەلمەيدۇ، ۋىروس نامىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. ھۆججەت مەزمۇنى بەزىدە نورمال پروگرامما تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلىدىغان بولغاچقا خاتا سېگنال بېرىش ئەھۋالى كۆپ يۈز بېرىدۇ. يوشۇرۇن ۋىروس ئىچكى ساقلىغۇچقا كىرىۋالغاندىن كېيىن يۇقۇملانغان ھۆججەتتىكى ۋىروس كودىنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغان بولغاچقا، يوشۇرۇن ۋىروسقا تاقابىل تۇرالمايدۇ.
ئارتۇقچىلىقى: نامەلۇم يېڭى ۋىروسلارنى بايقىيالايدۇ.
كەمچىلىكى: خاتا سېگنال بېرىشى كۆپ، ۋىروس نامىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ، يوشۇرۇن ۋىروسنى تازىلىيالمايدۇ.
3. ھەرىكىتىنى كۈزىتىش ئۇسۇلى
ۋىروسنىڭ ئالاھىدە بولغان ئىجرا بولۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋىروس تەكشۈرۈش. ئۇزۇن يىللىق كۈزىتىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىر تۈركۈم ۋىروسلارغا ئورتاق بولغان ئالاھىدە ھەرىكەت شەكلى ئارقىلىق ۋىروسقا ھۆكۈم قىلىش.
ئارتۇقچىلىقى: نامەلۇم ۋىروسلارنى بايقىيالايدۇ، نامەلۇم ۋىروسلارنىڭ سانىنى ئېيتىپ بېرىشى ئىنتايىن توغرا.
كەمچىلىكى: خاتا سېگنال بېرىشى مۇمكىن، ۋىروس نامىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ، ئىشقا ئاشۇرماق قىيىن.