خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ۋېرۇس نامى قانداق بىرىلگەن؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-17 12:19

 
ۋېرۇس نامى قانداق بىرىلگەن؟
ۋېرۇس نامى قانداق بىرىلگەن؟

 

ۋېرۇسقا نام بېرىش قائىدىسىنى ئازراق ئىگەللىۋالساقلا ۋېرۇسخور يۇمشاق دىتال مەلۇم قىلغان ۋېرۇس نامىغا قاراپ ئۇنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئادەتتە ۋېرۇس نامىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇنداق بولىدۇ:
<قوشۇمچە نامى>.<ئاساسى نامى>.<تۈر نامى>
سولدىن ئوڭغا قاراپ ئوقۇلىدۇ، چىكىت بىلەن ئايرىلىدۇ. مەسىلەن:Backdoor.RmtBomb.12، Trojan.Win32.SendIP.15
بۇنىڭدىن كۆرىنىپ تۇرۇپتىكى تۈر نامى ۋېرۇسنىڭ تۈرىنى كۆرسىتىدۇ، ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ ۋېرۇسلنىڭ قايسى "تەبىقە" گە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، ئوخشىمىغان تۈردىكى ۋېرۇسلارنىڭ تۈر نامىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن ياغاچ ئات ( 木马ترويا) ۋېروسىنىڭ تۈر نامى Trojan, پارازىت ۋېرۇسلارنىڭ تۈر نامى Worm دىگەندەك.
ئاساسى نامى بولسا ۋېرۇسنىڭ قايسى جەمەتكە تەۋەلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، مەسىلەن: مەشھۇر CIH ۋېرۇسىنىڭ جەمەتىدىكى بارلىق ۋېرۇسلارنىڭ نامى CIH، "تەۋرىنىش دولقۇنى"(振荡波) ناملىق پارازىت ۋېرۇسىنىڭ جەمەت نامى بىردەك "Sasser " دۇر.
قوشۇمچە نامى بولسا بىر تۈر، بىر جەمەت ئىچىدىكى ۋېرۇسنىڭ ۋارىئانتى(خىلى)نى ئىپادىلەيدۇ. ئادەتتە ئېنگلىزچە 26 ھەرپ ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن: Worm.Sasser.b بولسا تەۋرىنىش دولقۇنى ناملىق پارازىت ۋېرۇسنىڭ B خىلى ياكى ۋارىئانتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەلۇم خىل ۋېرۇسنىڭ ۋارىئانىتى بەك كۆپ بولسا رەقەم بىلەن ھەرپ بىرىكتۈرىلىپ نام بىرىلسىمۇ بولىدۇ.
تۆۋەندە Windows تا كۆپ ئۇچرايدىغان ۋېرۇسلارنىڭ تۈر نامىنىڭ مەنىسى بىرىلدى.
1.سېستىما ۋېرۇسى: تۈر نامى Win32, PE, Win95, W32, W95 بولغان ۋېرۇسلار
بۇ خىل ۋېرۇسلارنىڭ ئوموملىقى شۇكى مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى exe، dll ھۆججەتلەرگە يۇقىدۇ ۋە تارقىلىدۇ. مەسىلەن: CIH
2. پارازىت ۋېرۇس: تۈر نامى Worm بولغان ۋېرۇسلار
بۇ خىل ۋېرۇسنىڭ ئوموملىقى تور ئارقىلىق ياكى سېستىمىدىكى كاۋاكلار ئارقىلىق تارقىلىدۇ، كۆپ قىسمى سېرتقا ۋېرۇسلانغان ئېلخەت تارقىتىدۇ، تور قىستاڭچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: زەربىلىك دولقۇن(冲击波 ) تورنى توسۇپ قويىدۇ، كىچىك پوچتالىيون( 小邮差)ۋېرۇسلانغان ئېلخەت تارقىتىدۇ.
3. ياغاچ ئات ۋېرۇسى: تۈر نامى Trojan, خاككىر ۋېرۇسى: تۈر نامى Hack.
ياغاچ ئات دىگەندە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىسىگە دەرھال ترويا دىگەن كىنو كەلسە كىرەك، بۇ دەل رىۋايەتتىكى ترويا ئۇرۇشىدا يۈز بەرگەن ياغاچ ئات ۋەقەسىگە ئوخشۇتۇلۇپ بىرىلگەن نامدۇر. بۇ خىل ۋېرۇسنىڭ ئالاھىدىلىگى تور ياكى سېستىما كاۋاكلىرى ئارقىلىق قوللانچىنىڭ سېستىسىمىغا كىرىدۇ ۋە يوشۇرىنىۋالىدۇ.(خۇددى ياغاچ ئاتنى شەھەرگە ئەكىرگەنگە ئوخشاش، لىكىن ئۇنىڭ ئىچىدە دۈشمەن بارلىقىنى بىلمەيمىز)، ئاندىن كىيىن قوللانچىنىڭ سېستىسىمىدىكى ئۇچۇرلارنى سېرتقا ئاشكارىلايدۇ. Hack ۋېرۇسىنىڭ مۇشۇنداقراق ئىقتىدارى بار، ئەمما ئۇنىڭ ئارتۇق يېرى يېراقتىن كونترول قىلالايدىغانلىقى، يەنى ئۇ يىراقتا تۇرۇپ ۋېرۇس يوشۇرۇنغان كومپيۇتېرنى كونترول قىلىدۇ. ھازىر كۆپلىگەن Trojan لار ھەر ئىككى خىل ئىقتىدارنى ھازىرلىغان.
4. سىكرىپت ۋېرۇسى(脚本病毒)
تۈر نامى Scrip,VBS,JS. ئالاھىدىلىكى سىكرىپت تىلىدا يىزىلىدۇ، تور بەت ئارقىلىق يۇقىدۇ. مەسىلەن : Script.Redlof (قىزىل كود(،VBS.Happytime(خۇشال چاغلار)، Js.Fortnight.c.s ( ئون تۆت كۈن).
5. ماكرو ۋېرۇس
بۇ خىل ۋېرۇس ئوخشاشلا سىكرىپت تىلىدا يىزىلسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئالاھىدىلىگى Script ۋېرۇسىغا ئوخشىمايدۇ. بۇلار ئومومەن OFFICE جەمەتتىدىكى word, excel لارغا يۇقىدۇ ۋە تارقىلىدۇ. ئادەتتە نامى Macro, Macro.Word97، Macro.Word،Macro.Excel97،Macro.Excel بولىدۇ، مەسىلەن مەشھۇر "گۈزەل مېلىزا"(Macro.Melissa) ۋېرۇسى.
6. كەينى ئىشىك ۋېرۇسى
تۈر نامى: Backdoor ، ئالاھىلىگى تور ئارقىلىق تارقىلىدۇ، سېستىمىدا بىر ئارقا ئىشىك ئېچىپ، بۇ ئارقىلىق كومپيۇتېرغا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ پەيدا قىلىدۇ.
.7 ۋېرۇس تېرىغۇچى ۋېرۇس.
ئالاھىلىگى ئىجرا بولغاندا تېنىدىن بىر ياكى بىرنەچچە يېڭى ۋېرۇسنى سېستىما مۇندەرىجىسىگە قويۇپ بىرىدۇ ۋە شۇلار ئارقىلىق بۇزغۇنچىلىقنى باشلايدۇ. مەسىلەن: Dropper.BingHe2.2C، Dropper.Worm.Smibag
8. بۇزغۇنچى پروگراممالىق ۋېرۇس.
تۈر نامى: Harm. ئالاھىدىلىكى ناھايىتى چىرايلىق ئايكونلار بىلەن سىزنى ئالداپ ئۆزىنى چەكتۈرىدۇ، قوللانچى مائۇس بىلەن چىكىشى ھامان ۋېرۇس كومپيۇتېرغا ھۇجۇم قىلىدۇ. مەسىلەن: Harm.formatC.f (س دىسكىنى فورماتلاش)، Harm.Command.Killer(قاتىل كوماندا).
9. چاقچاق ۋېرۇسى
تۈر نامى Joke . بۇ خىل ۋېرۇس ئوخشاشلا چىرايلىق ئايكونلار بىلەن جەلپ قىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلغاندەك قىلىپ قوللانچىنى قورقىتىدۇ، لىكىن ھىچقانداق زىيانكەشلىك قىلمايدۇ. مەسىلەن : Joke.Girlghost (ئايال ئالۋاستى)
10. باغلاقلىق ۋېرۇس
تۈر نامى Binder، بۇ خىل ۋېرۇسنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋېرۇس پروگراممىسىنى يازغۇچى، قوللانما پروگراممىلارغا ۋېرۇس پەروگراممىسىنى باغلىۋەتكەن بولۇپ، بىز قوللانما پروگراممىنى ئىجرا قىلغاندا نورمال ئىجرا قىلىنىۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن يوشۇرۇن ھالدا ۋېرۇسنى تەڭ ئىجرا قىلىنىپ ماڭىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قوللانچىغا زىيان كەلتۈرىدۇ، مەسىلەن: Binder.QQPass.QQBin ( كيۇ كيۇ غا باغلانغان)، Binder.killsys (سېستىما قاتىلى).
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
شىنجاڭدىكى ئون چوڭ ئالى

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار