ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقىغان 10 رومان» نى توردا باھالاش پائالىيىتى

  •   

     

     

    بىلدۈرگۈ : بىلوگىم بىر ئايلىق تەتىلگە چىقىدۇ

       ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغانسېرى تورغا چىقىشقا ۋاقتىم يەتمەي، بىلوگقا تېما تەييارلاش ۋە يوللاشقا يېتىشىپ بولالماي قالدىم. شۇڭا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى ئوقۇپ، بىر ئاز خاتىرجەم مۇھىتقا يېتىشكۈچە بولغان مەزگىلدە (تەخمىنەن بىر ئاي) ئەزىزتۈرك بىلوگىغا تېما يوللاش ۋاقىتلىق توختىتىلدى. تورداشلارنىڭ بىلوگىمنىڭ ۋاقىتلىق يېڭىلانماسلىق مەسىلىسىنى توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن. بىلوگىمدىكى ئىلگىرىكى باشقا تېمىلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرغايسىزلەر! ئامان بولۇڭلار!

     

    ھۆرمەت بىلەن بىلوگ مەسئۇلى : رەشىد

     

    2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى

  • ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 12 (رۇجۇئ)

    12.رۇجۇئ

    رۇجۇئ−ئەرەبچە «قايتىش» مەناسىنى بىلدۈرۈپ، شېئىرىيەتتە شائىرنىڭ ئالدىنقى مىسرا ياكى بېيىتتا ئىپادىلىگەن پىكرى، قوللانغان بەدىئىي تەسۋىرى ۋاستىسىدىن قايتقاندەك بولۇپ، كېيىنكى مىسرا ياكى بېيىتتا ئۇنىڭغا قارىغاندا كۈچلۈكراق ئىپادە، شېئىرىي سەنئەتنى كەلتۈرۈش ياكى ئالدىنقى پىكىرنى ئېنىقلاشتۇرۇش، تولدۇرۇش ئۇسۇلىدۇر. ئېنىقراق ئېيىتقاندا مۇمتاز شېئىرىيىتىمىزدە رۇجۇئ ئۇسۇلى تەشبىھ قوللىنىلغان مىسرالاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

  • ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 11 (لەف ۋە نەشرى)

    11.لەف ۋە نەشر

    «يىغىش ۋە يېيىش» مەناسىنى ئىپادىلىگۈچى ئۇشبۇ سەنئەت شېئىر بېيىتىدىكى بىرنەچچە نەرسە ياكى چۈشەنچە نامىنى قاتمۇقات كەلتۈرۈپ، كېيىن ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكۈملەرنى قاتمۇقات بايان قىلىشنى نەزەردە تۇتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەت بولسا، ناملىرى تىلغا ئېلىنغان نەرسە ياكى چۈشەنچىلەرنى ئاشۇرۇپ، كۈچەيتىپ تەسۋىرلەشتۇر.

  • ئەسلىمە

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

     

     

     

    مېنى ئويلىغان بولىشى مۇمكىن،

    چۈشۈمگە كەلگەن،

    يېراقتا قالغان ئۈرۈكزار باغلار.

    نە گۈزەل ئىدى شۇ شېرىنلىك،

    يامغۇردىن كېيىن جۇلالاپ تۇرغان

    شاخ ئارىسىدىن

    نازۇك مېۋىگە قول سوزغان چاغلار.

  • سەن گويا جاللاتقا ئايلاندىڭ ئەركەم

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    بىر نەپەس توختىماي ئۆتتۈڭ يېنىمدىن،

    نىگاھلار شۇنچىلىك سوغۇق شۇقەدەر.

  • ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ10 (تەلمېھ)

    10.تەلمېھ

    تەلمېھ «نەزەر سالماق» دېگەن مەنىدە. شېئىر ياكى نەسىردە مەشھۇر تارىخىي ۋەقەلەر، ئەپسانىلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر ياكى ماقالىلەرگە ئىشارە قىلىش سەنئىتىدۇر. شائىرلار مۇھەببەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەردە كۆپىنچە شەرقتە كەڭ تارقالغان «پەرھات-شېرىن»، «لەيلى-مەجنۇن»، «ۋامۇق ئۇزرا»، «تاھىر-زۆھرە» كەبى قىسسەلەر، داستانلارنىڭ قەھرىمانلىرى نامىغا ئىشارەت قىلىدۇ.

  • ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ9 (ئىنتاق)

     

    7.ئىنتاق

    «سۆزلىتىش»، «گەپ قىلىش» مەئناسىدىكى ئىنتاب سەنئىتى بەدىئىي ئەسەردە ھايۋانلار ياكى جانسىز نەرسىلەرنى ئادەملەرگە ئوخشىتىپ سۆزلىتىشنى نەزەردە تۇتىدۇ. جۈملىدىن ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «لىسانۇتتەيىر» داستانىدا قۇشلار ئادەملەر كەبى سۆزلىتىلگەن.

  • دۇنيا شائىرلىرى قۇرۇلتىيى جۇڭگو تارمىقىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

    جۇڭگو شېئىرىيەت تورى 5-ئاينىڭ 3-كۈندىكى خەۋىرى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا شائىرلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ جۇڭگو ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  •  

    ئۈمىدلىك ياش قەلەمكەش ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم (زۇلتاپ)

    (شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى «ياش قەلەم» سەھىپىسىدىكى تونۇشتۇرۇشتىن)

     

     

     

     

    ئابدۇراخماننىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرى – 1988-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغانلىقىمىنى بىلگۈدەك بولغۇچە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى ياپچان بازىرىنىڭ كەڭرى سەھراسىدا ئىشتىنمىنى تىزىمغىچە تۈرۈپ قۇيۇپ بۇ قوينى ئىللىق تەبىئەتكە قېتىلىپ ياشاپ كەلدىم. مېنىڭ بالىلىق دەۋرىم شورلۇق جاڭگالدا پادا بېقىش بىلەن ئۆتتى.

  • شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر

    مۇھەممەتتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل

    ئۇيغۇر شېئىرىيىتى  ئۆزىنىڭ ئىخچام، جانلىق، نەپىس ۋە ئوبرازلىق بولۇشتەك روشەن ئالاھىدىلىكى بىلەن كىشى قەلبىنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلىپ، يېڭى – يېڭى ھېس – تۇيغۇلارنى ۋە يېڭى – يېڭى ھېكمەت دۇردانىلىرىنى نامايان قىلىدۇ.

  • ئىككىنچى، ئوبرازلىق تەپەككۇر.

    ئوبرازلىق تەپەككۇرنى كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشنىڭ قانىتىغا سىمۋول قىلىش مۇمكىن. شېئىر ئىجادىيىتىدە كۈچلۈك ھېسسىيات، مول رەڭدارلىققا ئىگە شېئىرىي مۇھىت ۋە ئاكتىۋال شېئىرىي مۇددىئانى ئىپادىلەش ئوبرازلىق تەپەككۇرغا تايىنىش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر كىشىلىك ھايات ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. ئۇ، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر ئارقىلىق خام ماتېرىياللارغا قارىتا تاللاش، ئۆزگەرتىش ۋە گەۋدىلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ بەدىئىي ئوبراز يارىتىلىدۇ.

  • 2. شەكىل

    شەكىلنى شېئىرنىڭ تون – لىباسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتى نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات داۋامىدا، ئۆزىگە خاس شەكىللەرنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئارۇز ۋەزىنلىك، بارماق ۋەزىنلىك بولسۇن ياكى چاچما شېئىر بولسۇن ناھايىتى كۆپ خىل شەكىلگە ئىگە. نۆۋەتتە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان شېئىرلارغا قارايدىغان بولساق، گەرچە مەزمۇن جەھەتتە كۆپ خىل، رەڭدار ۋە جەلپكار بولسىمۇ، لېكىن، قوللىنىۋاتقان شېئىر شەكىللىرى يەنىلا ناھايىتى ئاز.

  • 4. بوغۇم ( رىتىم )

    بوغۇم ( رىتىم ) ياكى ۋەزىن بىر خىل مىقداردىكى سۆز بۆلەكلىرى ياكى بوغۇملارنىڭ شېئىر مىسرالىرىدا بىر خىل تەكرارلىنىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئاھاڭ سىستېمىسىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ مەلۇم ساندىكى بوغۇملار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. شېئىرلاردا بوغۇم ( رىتىم ) نىڭ رولى گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇ شېئىرنىڭ ئاساسىي كۈچى، ئېنېرگىيەسىدۇر. بوغۇم ( رىتىم ) خۇددى مۇزىكىدىكى قانۇنىيەتلىك تەكرارلىنىدىغان ئۇدارغا ئوخشايدۇ. ئۇ شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقى ۋە باغلىنىشچانلىقىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەيدۇ. شېئىر قانۇنىيەتلىك تەكرارلىنىدىغان بوغۇم( رىتىم ) ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان شېئىرىي مۇددىئا، ھېسسىيات ۋە بەدىئىي مۇھىتنى بىۋاسىتە تەسىرچانلىققا، ھاياجانلىققا ۋە مايىلچانلىققا ئىگە قىلىدۇ.

  • ئالدىمدىن بىر پەسىل نازلىنىپ ئۆتتۈڭ

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    ئالدىمدىن بىر پەسىل نازلىنىپ ئۆتتۈڭ،

    نەۋباھار شامىلى سۆيدى ئاشۇ دەم.

    بىخ ياردى سۆيگۈمنىڭ ئەتىرگۈللىرى،

    ياپراقلار مەڭزىنى يۇيۇپ زىل شەبنەم.

  • ئىجادىيەت بېغىدا

    قىرىق يىل مۇھەررىرلىكنىڭ قىرمىزى قەلىمىنى  تۇتۇپ ، تالاي ـ تالاي ئەدىبنىڭ  ئەدىبىي ئەسەرلىرىگە  ئۆز  ئەجرىنى  سىڭدۈرگەن ، ئەتە ـ ئاخشاملىرى ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ، قارا كۆك  قەلىمىنىمۇ  قولىغا ئېلىشقا  ئۈلگۈرگەن ، نۇرغۇنلىغان  جەلبكار  نەزمە ۋە نەسرلەر يېزىپ، ئۆزىنىڭ لىرىك ۋە تەنقىدىي تۇيغۇلىرىنى  ئوقۇرمەنلىرىگە  بىلدۈرگەن پېشقەدەم شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ «ئۈمىد چىچەكلىرى » قاتارلىق تۆت شېئىرلار  توپلىمى ، « بازار نەرخى» قاتارلىق  ئىككى ھېكايىلەر توپلىمى ، «قۇربانلارنىڭ يۈرەك ساداسى » قاتارلىق  ئىككى  ئوبزۇرـ ماقالىلار توپلىمى نەشر قىلىنغانىكەن .

  • ياخشىلىقنى يار تۇتۇڭ

    ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ، ئازادە  پاراڭلىشىش  داۋامىدا  ئالىي  مۇھەررىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىدا  كۆڭلىگە پۈككەن ، ئويلىغان ـ پۈتكەنلىرىنى رىياسىز  سەمىمى  نىيەت  بىلەن  ئوتتۇرىغا  قويۇشقا باشلىدى .

    ـ شائىر ئەپەندى ، كىشىلىك  ھاياتتىكى ياخشىلىق  ۋە  يامانلىق ھەققىدە سۆزلەپ باقامسىز ؟

    ـ ئوبدان . ئالدى  بىلەن ھاياتتىن سۆز  ئاچساق ، مېنىڭچە ، « پولات قانداق تاۋلاندى » رومانىدىكى  ئوستروۋسكىنىڭ  سۆزىنى  ھاياتنىڭ ئۆلچىمى ـ مىزانى دېيىشكە بولىدۇ . ئىنسان  بۇ دۇنيادا ئۆزىگە بىرلا قېتىم كەلگەن ئۆمۈرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ، ھاياتلىقىدا ياخشىلىقنى يار تۇتۇپ ، يامانلىقتىن  يىراق  تۇرۇشى ، چەكلىك  ئۆمۈرىنى  خەلققە پايدىلىق چەكسىز ئىشلارغا بېغىشلىشى كېرەك .

  • شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت

    سۆھبەت تەشكىللىگۈچى: غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)

    مەنزىل مەردنى تاللايدۇ

    بىرئۆمۈر  نەشرىيات  پىرىنسىپلىرىغا  ئەمەل  قىلىپ ، ئۆزىنىڭ مۇھەررىرلىك مۆھۈرىنى ھىچ ساتمىغان، پاك ـ دىيانەتلىك  بولۇپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمىغان، قىرىق يىللىق مۇھەرىرلىك  مۇساپىسىدە  قىرلار ئېشىپ، ئاخىرقى مەنزىل بوسۇغىسىدىن مەزمۇت  قەدەملەر بىلەن ئاتلىغان ئالىي مۇھەررىر، پېشقەدەم  ئەدىب ئابدۇرۇسۇل  ئۆمەر ئەپەندى يەتمىشكە يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، يەنىلا نەۋقىران چاغلىرىدىكىدەك سۇباتلىق ۋە سۇمباتلىق  كۆرۈنەتتى.

  • ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 8 (تەشخىس)

    8.تەشخىس

     

    تەشخىس−«جانلاندۇرۇش» يەنى ھايۋانلار، قۇشلار، جانسىز نەرسىلەرگە ئىنسان خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆچۈرۈش سەنئىتىدۇر.

  • ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ7 (تەجاھۇلى ئارىفانە)

    7.تەجاھۇلى ئارىفانە

    «بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىش» مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئۇشبۇ شېئىرىي سەنئەت شائىرنىڭ بېيىتتا ئەكس ئەتتۈرۈۋاتقان بىرەر ئوبرازلىق ئىبارىنى ئېنىق ئېيىتماستىن، ئۆزىنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سالغاندەك كۆرسىتىشى نەزەردە تۇتۇلغان.