خەتكۈش ‘قاسىم سىدىق’
2015يانۋار2

قاسىم سىدىق ئەپەندى نىمە دىگەن؟

ھۆرمەتلىك بۇرادەرلەر، مەن فىزىكىدا ساۋاتسىز بىر ئادەم. شۇنداق بولسامۇ، تەبىئەت پەنلەرىگە قىزىقىمەن. مەن، قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ يازغان ئۇچۇرلىرىدىن، ئۇنىڭ تەبىئەتكە (فىزىكىغا) ئائىت ھەم ئەدەبىياتقا ئائىت يازغان ئەسەرلەرىنىڭ 3500 پارچىدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەدىم. مەن، قاسىم سىدىق ئەپەندى، شەكىل نەزەرىيەسىدە نىمەدىگەن؟، شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ ئەھمىيەتى نىمە؟ دىگەن ئويلاردا ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋېبسىتتلاردا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرىدىن پەقەتلا نەچچە پارچىسىنىلا ئوقۇپ باقتىم. قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ دىمەكچى بولغان مەزمۇن دائىرەسى بەك كەڭ بولۇپ، مول مەزمونلۇق پەرەزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالادىكەن. شۇڭا، ئۇنىڭ تەپەككۇرىدىكى بارلىق پىكىرلەرىنى يىغىپ بولالمايدىكەنمەن. شۇنداق بولسامۇ، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ نىمە دىگەنلەرىنى، شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ ئەھمىيەتىنى، قاسىم سىدىق ئەپەندى ئۆزى دىگەن گەپلەرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى ئىخچاملاپ تىزىپ كۆرسەتتىم. مۇمكىن بولسا، قاسىم سىدىق ئەپەندى ۋە باشقا بۇرادەرلەر كام قالغان مەزمۇنلارىنى تولۇقلاپ قويسا بولىدۇ.

2014دېكابىر30

«قاسىم سىدىق ئەپەندى ھادىسەسى» دىن ھېس قىلغانلارىم

مەن، باغداش، مىسرانىم، كائىنات ناملىق ۋېبسىتلاردىن (تور بېكىتى دەۋاتىمىز) قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئانچە مۇنچە بىلدىم. بۇ كىشى تەبىئي پەندە بولۇپمۇ فىزىكا ساھەسىدە كەڭ بىلىم ئاساسىغا ئىگە ھەم تەپەككۇرغا باي بولۇپ، يوقۇرىدا نامى ئاتالغان ۋېبسىتلاردا، ئۇيغۇر تىلىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىپتۇ. دۆلىتىمىزنىڭ خەنزۇ يازىقىدىكى ۋېبسىتلاردا نەشىر قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ھەم تەرجىمە قىلىپ ياكى ئۇلاپ كۆچۈرۈپ بىزنىڭ كۆرۈپ باقىشىمىزغا سۇنۇپتۇ. مىنىڭ بىلىشىمچە، قاسىم سىدىق ئەپەندى، «شەكىل نەزەرىيەسى» دىگەن بىر قىياسنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، بۇ نەزەرىيە، دۇنياۋى فىزىكا مۇنبىرىدىن مۇستەھكەم ئورۇن ئالغان «ئۇلۇقلىرىمىز» نىڭ نەزەرىيەسىگە خىرىس ئالىپ كەپتۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن، قاسىم سىدىق بىلەن بولغان مۇنازىرەلەر ئەۋج ئاپتۇ. بەزىلەر قاسىم سىدىق ئەپەندىنى قوللاپتۇ، بەزىلەر، ئۇنىڭغا قارىشى چىقىپتۇ. بۇلارنى مەن، «قاسىم سىدىق ئەپەندى ھادىسەسى» دەپ يىغىنچاقلادىم. مەزگۇر ئەسەردە، مەن «قاسىم سىدىق ئەپەندى ھادىسەسىدىن ھېس قىلغانلارىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.