پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم
-
سەھىپە:ئوي-پىكىر قەلئەسى
باھا:32 دانە
04-05-2015
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. بەلكىم ھىس قىلىۋاتقانلىقىڭلاردەك، بىر نەچچە ئايدىن بىرى مېنىڭ توردىكى ۋە بلوگدىكى ئاكتىپچانلىقىم تۆۋەنلەپ، سەپرايىم ئۆرلەپ، گەپلىرىم قالايمىقانلىشىپ دېگەندەك بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، «ئۇيغۇربەگ» ۋە «تۈركچەم» دېگەن ئىككى ئەپ ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالدى. مەن سىلەرنى ئۆز كۆرگەچكە، ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىدا چىقىدىغان FBIنىڭ مەخپىيەتلىكىدىن بىرنى ئاشكارلاپ ئۆتۈۋېتەي، مەنمۇ ھازىر iOS پروگراممىلىرى ئېچىشنى مەشىق قىلىۋاتىمەن…
شۇنداق، شۇنداق قىلىپ ئۆزۈممۇ بىلمەي ئەمەس، مەقسەتلىك ھالدا iOS پروگراممىسى ئېچىشنى ئۆگىنىشنى باشلىدىم. باشتا بۇ مەقسەت قىزىقىشدىن چىققان بولسا، كېيىنرەك جەمئىيەتتىكى ئاچچىق رىئاللىقلاردىن ئالغان كەچۈرمىشلىرىمدىن چىقارغان قارارىمدىن مەنبەلەندى. نىھايەت، بۇ يولغا چىققاندىن كېيىن باشلاپ ئالتە ئايدەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزدۈم، ئەمما، ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇياققا سوقۇلۇپ يۈرۈپ، قىلغان نەرسەم ئىككى تال ئەپ بولدى. لېكىن شۇنى ئىتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، بۇ جەرياندا مەن يەنە مۇنداق قىممەتلىك بەش تۇيغۇغا ئېرىشتىم. بەلكىم، پروگراممېر بولۇش ئارزۇيىدا يۈرگەن باشقا ئەزىمەتلەرگە مەزكۇر يازما ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بىرەلىسە ئەجەپ ئەمەس.
1. ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى يەنىلا ئۆزىڭىز
نۇرغۇنلىرىمىزغا ئورتاق مۇنداق بىر ئىش بار، يەنى پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا بىر پىشقان ۋە تەجرىبىلىك پروگراممېرنىڭ بىزنى يىتەكلەپ مېڭىشىنى، بولسا «كاللىسىدىكى ئۇماچنى بىزنىڭ كاللىمىزغا قۇيۇپ قۇيۇشىنى» ئۈمىد قىلىمىز. شەخسەن مەنمۇ iOS پروگراممىرلىقىنى يېڭى باشلىغاندا، مەن بىلىدىغان پروگراممىرلارنىڭ ھەممىسىنى ئىزدەپ، ئۇلاردىن تەكلىپ سوراپ، بىلمىگەن نەرسىلىرىمنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ ياردەم تەلەپ قىلىپ يۈرگەن. كېيىن، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشىنىڭ بارلىقىنى، بەزىدە ياردەم لازىم بولغاندا بىزگە شۇ ھامان جاۋاب بىرەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈم شۇ يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىشقا تىرىشتىم.
گەرچە، يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىش جەريانى يېڭى باشلىغانلىقىم ئۈچۈن سەل كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ چىقتىم ۋە ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. بۇ جەرياندا، چىقمىغان تور بېكەت، بارمىغان بلوگ قالمىدى. لېكىن شۇ مۇشەققەتلىك جەرياندا مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش، يېڭى ئۇچۇرلارنى قانداق قوبۇل قىلىش ھەققىدە شۇنداق ئېسىل ساۋاققا ئىگە بولدۇمكى، ئەسلى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى ئۆزىمىز ئىكەنمىز. يەنى، يولۇققان مەسىلىلىرىمىزنى باشقىلار ھەل قىلىپ بەرگەندىن، ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلەپ ھەل قىلىشقا ئىزدىنىدىغان بولساق، شۇ ئىزدىنىش جەريانىمىزنىڭ ئەسلى ئىنتايىن قىممەت بىر ئۆگىنىش جەريانى بولىدىكەن. شۇنداقلا، بۇ جەرياندا نۇرغۇن تەجرىبە توپلايدىكەنمىز.
2. سىزمۇ پروگراممېر بولۇشقا ماس كېلىسىز
iOS پروگراممىرلىقىنى باشلايمەن دەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا بۇ ئويۇمنى بىر قانچە دوستلارغا ئېيتتىم. ئەلۋەتتە، نۇرغۇنلىرىڭلار بىلگىنىڭلاردەك، مەن تەبىئىي پەنچىمۇ ئەمەس، ھەمدە بەكرەك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە كۈچلۈكرەك ئاساسىم بار. ئاكىلىرىممۇ مېنىڭ ئەسلى يۇرتقا قايتىپ، ئىجتىمائىي پەندە، يەنى ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە خىزمەت قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشقان ئىدى. لېكىن رەھىمسىز تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چىقىپ قالغان iOS پروگراممىرى بولىمەن دېگەن گىپىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەزى دوستلىرىم ماڭا دوستانە تەكلىپ بېرىشتى ۋە « سىز پروگراممېر بولۇشقا ماس كەلمەيتىڭىز » دېيىشكەن ئىدى. گەرچە، بۇ گەپكە مەنمۇ ئۆزۈم قوشۇلغان بولساممۇ، ئەمما، بىر ئىشقا قىزىقسام ئوتتەك كىرىشىپ كېتىدىغان ئەسكى خۇيۇمنىڭ تەسىرىدە، بەل قويۇۋەتكۈم كەلمىدى ۋە «تۈركچەم» پۈتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭمۇ مۇستەقىل ھالدا پروگرامما تۈزەلەيدىغانلىقىمغا چىن پۈتتۈم.
ئەسلى، پروگراممېر بولۇش ئۇنچىۋالا رىۋايەت تۈسى ئالغان ئىشمۇ ئەمەسكەن. مەن بۇ جەرياندا كېلىپ چىقىشى ئىجتىمائىي پەندىن بولغان پروگراممىرلارنى، چەتئەل تىلى بىلمەي تۇرۇقلۇق، ئۆزى ئىزدىنىپ كامالەتكە يەتكەن نەۋقىرانلارنىمۇ ئۇچراتتىم. پروگراممېر بولۇش ھەققىدە ئىككىلىنىۋاتقان ياشلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئەسلى سىزمۇ پروگراممېر بولۇشقا ماس كېلىسىز. مەندەك HTML تىلىنىمۇ بىلمەيدىغان بىرىنىڭ ئالدىدا سىز ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ.
3. ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەننىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق
پروگرامما تۈزۈشنى باشلاشنىڭ ئالدىدا، ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ پروگراممېر قوبۇل قىلىش ئېلانىغا دىققىتىمنى ئاغدۇرۇپ قوياتتىم. مەيلى ئۇيغۇر ياكى خەنسۇ ۋە ياكى تۈرك شىركەتلىرى بولسۇن، پروگراممېرلارغا بولغان تەلەپتە مەلۇم پروگرامما تىلىنى پىششىق بىلىش بىلەن بىرگە، بەلگىلىك دەرىجىدە ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىسى تەلەپ قىلىناتتى. مەن ئۇ چاغلاردا بۇ شىركەتلەرنىڭ بۇ تەلىپى « سەل ئەقىلگە سىغمايدىغان تەلەپكەن» دەپ ئويلىغان ئىدىم.
كېيىن، مەن « تۈركچەم » ناملىق ئەپنى ئېچىش داۋامىدا يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ يۈرگەن ۋاقىتتا شۇنداق بىر ئەھۋالنى بايقىدىمكى، نۇرغۇن قىممەتلىك دەرسلىكلەر، ماتىرىياللار، ئىزاھاتلارنىڭ ھەممىسى ئىنگىلىزچە بولىدىكەن ۋە ياكى ئىنگىلىزچە بىكەتلەردىن تاپقىلى بولىدىكەن. خەنچە ۋە ياكى تۈركچە مەنبەلەردىن تېپىلغان مەزمۇنلار ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنىلا ئىنگىلىزچە ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىش توغرا كېلىدىكەن. پروگراممېر بولماقچى بولغان ناۋادا سىز ئىنگىلىزچە بىلمىسىڭىزمۇ بەلكى يەنىلا ياخشى پروگراممېر بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما، ئىنگىلىزچە بىلسىڭىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۈرئىتىڭىز ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىڭىز ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئەتراپىمىزغا باققىنىمىزدا ياخشى پروگراممېرلارنىڭ ئاساسەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئىنگىلىزچە بىلىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى كۆرىمىز. يەنى، ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەننىڭ يەنىلا ھېچقانداق زىيىنى يوق. ئىنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىز ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭ.
4. پروگراممېر بولۇش – بارسا كەلمەس يول ئەمەس
پروگراممېر بولۇش ئارزۇيۇمدا يۈرگەندە، مەن بىلىدىغان پروگراممېر دوستلارنىڭ پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش جەريانىغا تولىمۇ قىزىقاتتىم. تورلاردىنمۇ پروگراممېرلارنىڭ پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ۋە ياكى شۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلارنى تېپىپ ئوقۇيتۇم. بولۇپمۇ، مەندەك ئوقۇتقۇچىسىز قالغان، پەقەتلا ئۆزىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولغان ھەۋەسكار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ يولغا كىرىش – خۇددى بارسا كەلمەس يولدەك، كىرسە چىقماس ھاڭدەك تۇيغۇ بىرەتتى.
ئەپ ئېچىشنى ئۆگىنىشنى باشلاپ ئالدىنقى ئۈچ ئايدا ئالمىغان كىتاب، ئالمىغان دەرسلىك قالمىدى. لېكىن بىر دەرسلىكنى تولۇق كۆرۈپ چىقمىدىم. بۇنىڭ ئەكسىچە، ھېلى ئۇنىڭدىن، ھېلى بۇنىڭدىن كۆرۈپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىشدىن باشقا ئىش قىلمىدىم. كېيىن دوستلارنىڭ تەۋسىيەسى بۇيىچە، بىر كىتابنى تۈگىتىپ چىقىشقا تىرىشتىم ۋە باشقا بىر دەرسلىكنى كۆرۈشكە باشلىدىم. بۇنىڭغىمۇ ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ئۈچ ئايدا مەن خۇددى بىر نەرسە يۇقمىغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. دوستلارنىڭ «سىز پروگراممېر بولۇشقا ماس كەلمەيسىز» دېگەن سۆزىنى ئەسلىدىم. چۈشكۈنلۈشۈپ بەل قۇيۇۋېتىشكە ئاران – ئاران تۇردۇم، لېكىن پۇشقىقىمدىن يەل بىرىپ تۇرىدىغانلارنىڭ سەۋەبىدىن بەل قويۇۋەتمىدىم.
ئاخىرى كىتابمۇ تۈگىدى، دەرسلىكمۇ تۈگىدى، كاللامغا ئانچە-مۇنچە ئۇقۇملارنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. لېكىن، بىر ئەپنى ئاچقان ھامان شۇ ئەپلەرنىڭ قايسى – قايسى تېخنىكىلارنى قوللانغانلىقىنى چۈشەنگىدەك بولغانلىقىمنى بايقىغاندىن كېيىن، بۇ ئۈچ ئاينىڭ بىكارغا ئۆتمىگەنلىكىگە ئىشەندىم. بولۇپمۇ، «تۈركچەم»نى 10 كۈندەك ۋاقىتتا پۈتتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ بۇ مەزگىللەردە بىكار يۈرمىگەنلىكىمگە تېخىمۇ چىن پۈتتۈم.
كېيىن باشقىلار بىلەن بولغان سۆھبەتتىن ھېس قىلدىمكى، يېڭى باشلىغاندا ئۈنۈم كۆرۈشكە ئالدىراش نۇرغۇن ھەۋەسكارلاردا بولىدىغان ئىشكەن. پروگراممېرلىق – بىلىم بىلەن تەڭ، تەجرىبىگە ھەم بەكرەك مۇھتاج بىر كەسىپ بولغاچقا، ئۆگەنگۈچىلەردىن ئاساسىي بىلىملەر بىلەن تەڭ، قول تىقىپ تەجرىبە توپلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ناۋادا، باشلىغاندا ھېچنېمە يۇقمىغاندەك تۇيغۇدا بولغان بولسىڭىز ئەنسىرىمەڭ، كۆپرەك كود يېزىپ بېرىڭ، كۆپرەك باشقىلارنىڭ يازغان نەرسىسىنى قايتىلاپ بېرىڭ، كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈپ بېرىڭ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يولىڭىزنىڭ ئېچىلىپ ماڭغانلىقىنى ئۆزىڭىز ھېس قىلىپ قالىسىز.
5. ياخشى ماتېرىيال – ياخشى باشلىنىش
پروگراممېر بولۇش ئارزۇيىدا يۈرگەنلەرنىڭ نۇرغۇنىدا ياخشىراق بىر ماتېرىيال تېپىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. شەخسەن مەن پروگراممېر بولۇش ئارزۇيۇمنى باشلىغاندا، قايسى ماتېرىيالنى كۆرۈشنى، قايسى دەرسلىكنى تىڭشاشنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەن كىتابلارنى ئېلىۋەردىم. ياخشىراق تۇيۇلغان دەرسلىكلەرنى سېتىۋالدىم. لېكىن ئۆگىنىش داۋامىدا ھېس قىلدىمكى، سېتىۋالغان كىتاب ۋە ياكى دەرسلىكلەرنىڭ بەزىلىرى ماڭا ماس كەلمىدى، بەزىلىرى بەك ئاددى بولسا، بەزىلىرى بەك مۇرەككەپ دېگەندەك ئەھۋاللار يۈز بەردى. قاراپ ئولتۇرۇپ ئالدىنقى بىر ئاينى ماتېرىيال تاللاش بىلەنلا ئۆتكۈزۈۋەتتىم.
كېيىن، بىر قانچە دوستلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىر نوپۇزلۇق نەشىرىياتنىڭ Ojcective C ھەققىدىكى بىر كىتاب ۋە iOS پروگرامما ئېچىش ھەققىدىكى باشقا بىر كىتابىنى سېتىۋالدىم. ئاندىن، خەنچە بىر بېكەتنىڭ دەرسلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈشكە باشلىدىم. بۇ ماتىرىياللارنى كۆرۈش جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، پروگراممېر بولۇش ئارزۇسىدا يۈرگەنلەر ئۈچۈن ياخشى ماتېرىيالنىڭ بولۇشى ياخشى باشلىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا، پروگراممېر بولۇش ئارزۇسى بار ياشلارغا تەۋسىيەرىم، ئىشنىڭ بېشىنى ئۆگەنمەكچى بولغان تىلىڭىزغا ئائىت نوپۇزلۇق كىتابلارنى تېپىپ كۆرۈشتىن باشلاڭ.
ئاخىرقى سۆز
ئەلۋەتتە، مەن تېخى ئۆزۈمنى پروگراممېر بولدۇم دەپ ئويلىمايمەن، ئالدىمدا باسىدىغان يولۇمنىڭ كۆپلىكى ئۆزۈمگە ئايان. مەزكۇر يازمىمۇ، مېنىڭ مۇشۇ ئالتە ئايلىق ئۆگىنىش جەريانىمدا ئېرىشكەن كىچىككىنە تۇيغۇلىرىم بولۇپ، ئاللاھ خالىسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھېس – تۇيغۇلىرىمنى داۋاملىق ئورتاقلىشىپ تۇرغۇسىمەن.
مەزكۇر يازما تامامەن ئىجادىيدۇر. رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.
1,934 گىرادۇس 32